ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار بۇ تۆت ئادەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرسا ئاستا قېرىيدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-30 08:51

1. تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك.

كۆپلىگەن ئاياللار بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، بەزى ئاياللار دائىملا تۆت ئەزايى ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك، ئازراقلا ھەرىكەت قىلسا ھېرىپ ھالى قالمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇزۇن مۇددەت ھەرىكەت كەمچىل بولغانلىقتىندۇر.

ھەرىكەت قىلىش قېرىشقا قارشى تۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، بەدەننى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلايدۇ. شۇنداقلا بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزملارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

2. ئۇيقۇ ياخشى بولۇش كېرەك.

ئاياللار 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاياللاردا ئارىسالدا بولۇش ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياكى ئۇدا ئۇيقۇسىز قېلىش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئاياللار ياخشى ئۇيقۇ ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات ۋاقتىنى ساقلاش كېرەك. ئىمكانقەدەر ياخشى ئۇخلاش مۇھىتى يارىتىپ، ناچار ئامىللارنىڭ ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەتتە، كەچ سائەت 10دىن بۇرۇن ئۇخلاشقا ئادەتلىنىش، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 11دىن كېيىن قالماسلىق كېرەك.

3. ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك.

ناچار كەيپىياتنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى كۆپ تەرەپلىمە بولىدۇ، مەسىلەن، دائىم تەشۋىشلىنىش، بېسىم ھېس قىلىش، جىددىيلىشىش، مىجەزى چۇس بولۇش قاتارلىقلار. بۇلار ئادەم بەدىنىدىكى جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىپلا قالماي، ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ قېرىشىنى ھەم چېكىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

4. تېرە ئاسراشنى قەتئىي داۋام قىلىش كېرەك.

تېرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى كوللاگېنلىق ئاقسىلدۇر، ئۇ تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئادەتتە يېمەكلىك ئارقىلىق يۈزدىكى ئاقسىل مىقدارىنى ئاشۇرسا بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۈزمەي كوللاگېنلىق ئاقسىل تولۇقلاپ بەرگەندە، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە تويۇنۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، روھلۇق، ياش ھالەتنى ساقلاپ قېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار بۇ تۆت ئادەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرسا ئاستا قېرىيدۇ

1. تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك.