ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاياللار ئادەتتە قانچە ياشتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 17:18

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاياللار 45 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەيز ئاستا-ئاستا توختايدۇ، ھەيز توختاش ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغان-قويمىغىنىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۆلچەملەرنىڭ بىرى، شۇڭا ئاياللارنىڭ 45 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇشى نورمال ئەھۋال.

ئادەتتە 50 ياش ئۆپچۆرىسىدە كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدىغانلار كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ ھەر بىر ئايالنىڭ بەدەن ساپاسى، بېسىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىتا ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا كىلىماكتېرىيەگە قەدەم قويۇش ۋە داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە ياشىغانلار ئاسانلا مۇددەتتىن بۇرۇن كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ، ھەمدە داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن.
كىلىماكتېرىيە دەۋرى ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە بەدەندە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. 45 ياشتىن ئاشقان ئاياللار بۇ ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلغىنى ياخشى.
1. ھەيز نورمالسىزلىشىپ، دەۋرىيلىكى قانۇنىيەتسىزلىشىدۇ. ھەيز بەلكىم بىر نەچچە ئايدا بىر قېتىم كېلىشى، ھەر قېتىملىق ھەيز مىقدارىمۇ بەزىدە كۆپىيىپ بەزىدە ئاز بولۇشى مۇمكىن.

2. ئۇيقۇ سۈپىتى ناچارلىشىپ، دائىم يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدۇ. كۆپ تەرلەپ، يۈزلىرى قىزىرىپلا تۇرىدۇ.

3. سۆڭەك شالاڭشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندە سۆڭەك شالاڭشىش كۆرۈلۈپ، ئاسانلا بوغۇم ۋە بەل تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4. سۈيدۈك چىقىرىش نورمالسىزلىشىدۇ، ئاسانلا سۈيدۈك قىستاش بولىدۇ.

تەۋسىيە:
يېمەك–ئىچمەكنى تەڭشەش، يەنى مايلىق، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، پۇرچاق ۋە سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، يەنە چىلان، قارا ئاشلىق، پەمىدۇر ۋە ھەرخىل مېۋىلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرۇش لازىم. ئۇندىن باشقا، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت ۋە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، كۆپرەك ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوست-يارەنلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىپ، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك
.

中央广播电视总台 央广网 版权所有