ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇخلاۋاتقاندا ئادەم بەدىنىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 11:09

ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا بەدەننىڭ ئىممۇنتېت كۈچىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

ئۇخلاۋاتقاندا بەدەننىڭ ئىممۇنتېت كۈچىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى مۇھىتنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق، يەنى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، يوتقان نېپىز، دېرىزىلەر ئوچۇق بولسا، ئادەم ئاسان زۇكامداپ قالىدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنتېت كۈچىمۇ تەبىئىيلا تۆۋەنلەيدۇ. ئەكسىچە قېلىنراق يېپىنىپ ياتسا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ بەك تۆۋەن بولمىسا، بەدەننىڭ ئىممۇنتېت كۈچىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولمايدىغان بولغاچقا، ئاسان زۇكامداپ قالمايدۇ.

ئادەمنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتى قانچىلىك داۋاملىشىدۇ؟

بۇ ئادەمنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا باغلىق، ئەگەر مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقىڭىز ياخشى بولسا ئۇيقىڭىزنىڭ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئۇيقىڭىزنىڭ سۈپىتى ناچار بولىدۇ. كىلىنىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سائەت 23 تىن ئەتىسى سەھەر سائەت 7 گىچە بولغان ۋاقىت ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان ئۇخلاش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە چوڭقۇر ئۇيقۇ مەزگىلى تەخمىنەن تۆت سائەتتىن يۇقىرى بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئۇخلاشتىن قاتتىق ئۇيقۇ مەزگىلىگە كىرىشىگە تەخمىنەن 4-3 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟

چوڭقۇر ئۇيقۇ ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىنى پەسەيتىپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق، شۇڭا ئۇ «ئالتۇن ئۇيقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما چوڭقۇر ئۇخلاش ۋاقتى پۈتۈن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ % 25ىنى ئىگىلەيدۇ، قانداق قىلغاندا بۇ ۋاقىتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟

1. ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تۈنىمەسلىك

ئارىلاپ بىر-ئىككى قېتىم تۈنەشنىڭ سالامەتلىككە ئانچە روشەن تەسىرى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇزاق مۇددەت تۈنەشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. مەسىلەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ئىچكى ئاجراتما، ھورمون سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىش، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، روھى چۈشكۈنلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم بىلەن تەبىئەت ماس قەدەملىك بولىدۇ، شۇڭا كەچ كىرگەندە ئۇخلاپ، كۈن چىققاندا ئىشلەش، خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

2. ئۇخلىغاندا دورىغا تايانماسلىق

كۈتۈنۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيقۇ دورىسى، بەزلەش دورىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئۇخلاشقا قەتئىي بولمايدۇ. گەرچە بۇ خىل دورىلارنىڭ ئۇخلاشقا ياردىمى بولسىمۇ، يۈزە ئۇيقۇ مەزگىلىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ئادەمنى دورىغا تايىنىشچان قىلىپ قويىدۇ.

3. ئەمگەك ۋە دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش

ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، بەدەننى ئەركىن قويۇۋېتىش لازىم. مۇۋاپىق تەنھەرىكەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بەرگىلى ۋە شۇ ئارقىلىق جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇخلاۋاتقاندا ئادەم بەدىنىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا بەدەننىڭ ئىممۇنتېت كۈچىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟