ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قايسى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ «ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇيقۇسى» ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 16:10

ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتى ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەمەلىيەتتە يېتەرلىك ئۇيقۇنى ساقلىغاندىلا بەدەن ئاندىن تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ. ئەگەر كېچىچە ئۇخلىمىغاندا، ئىككىنچى كۈنىدىكى روھىي ھالەت چۈشكۈنلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇمۇ بىر يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇڭا چوقۇم ياخشى ۋە يېتەرلىك ئۇيقۇنى ساقلاش كېرەك.
كەچتە ئۇخلاش ۋاقتىنى چوقۇم قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، نورمال ئەھۋالدا كەچتە ئۇخلاش ۋاقتى يەنىلا سائەت 11دىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك، چۈنكى سائەت 11دىن بۇرۇن ئۇخلىسا، بەدەندىكى ئەزالار تۇللۇق ئارام ئالالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ.
سائەت 11 دىن كېيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرىدۇ، گەرچە ھەرقايسى ئەزالار توختىماي ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر سائەت 11 دىن كېيىن يەنە ئارام ئالمىسا، ئۇنداقتا ناھايىتى ئاسانلا ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالاردا ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا زەئىپلىشىش يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن.
دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر سائەت 10دىلا كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلايدىغان ياخشى ئادەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە سائەت 10 دا باشلانغان ئۇيقۇنى «ھۆسن تۈزەش ئۇيقۇسى» دېيىشكە بولىدۇ، سائەت 11 دىن كېيىن بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىدۇ، شۇڭا سائەت 10 دىن بۇرۇن ئۇخلىسا ئەزالار تېخىمۇ ياخشى ئارام ئالالايدۇ.
نۇرغۇن ئايال دوستلار كېچىلىك ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇيقۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەچ سائەت ئوندا ئۇخلىسا، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، روھىي ھالىتىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئىلمىي ئۇخلاش ۋاقتىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تېرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت تۈنىگەندە تېرە چوقۇم تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى دانىخورەك چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىپ، شەخسنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
شۇڭا ئۆزىنىڭ بەدەن ئەزالىرىنى ئويلاش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ تېرىسىنىمۇ ئويلاش كېرەك، ئۇخلاش ۋاقتىدىمۇ چوقۇم ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى كەچ سائەت 11 دىن بۇرۇن ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىش كېرەك. ئەگەر ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئۇخلىيالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، كەچتە مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۈت ئىچىپ بەرسە ياكى ئىلمان سۇ بىلەن پۇتنى چىلاپ بەرسە ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قايسى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ «ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇيقۇسى» ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتى ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەمەلىيەتتە يېتەرلىك ئۇيقۇنى ساقلىغاندىلا بەدەن ئاندىن تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.