ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەشۋىشلىك كېسىلىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 10:58

تەشۋىشلىك كېسىلى دېگىنىمىز كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان مۇھىت بىلەن ئۇچراشقاندا كۆرۈلىدىغان ئەنسىرەش، جىددىيلىشىش، قورقۇنچ، كۆڭۈلسىزلىك قاتارلىق كەيپىياتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە كۆرۈنەرلىك بولغان فىزىيولوگىيە ئۆزگىرىشىنى، يەنى قاندىكى بۆرەك ئۈستى بەز ماددىسىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىش، يۈرەك سېلىش، قان بېسىم ئۆرلەش، نەپەس جىددىيلىشىش، مۇسكۇلنىڭ كېڭىيىش كۈچى تۆۋەنلەش، چىراي تاتىرىش، ئۇيقۇسىزلىق، كىچىك تەرەت كۆپىيىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلارنى ھەمراھ قىلىدۇ. تەشۋىشلىك كېسىلى جىددىي ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

1. جىددىي خاراكتېرلىك تەشۋىشلىك كېسىلىدە ئادەمدە تۇيۇقسىز كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا بولۇپ، نېرۋا ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بىمار تۇيۇقسىز قورقۇپ، چىرقىرايدۇ، يوشۇرنىۋالىدۇ ياكى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىماردا نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك سېلىش، كۆكرەك ئاغرىش، باش قېيىش، ياندۇرۇش، تەرلەش، چىرايى تاتىرىش، بەدەن تىترەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئايدا بىر قانچە قېتىم قوزغىلىدۇ، ھەر قوزغالغاندا نەچچە سائەت داۋاملىشىدۇ.

2. سوزۇلما خاراكتېرلىك تەشۋىشلىك كېسىلى ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان، ئېنىق ئوبيېكتى ياكى مەزمۇنى بولمىغان قورقۇنچ بولۇپ، بىمار ئۆزىنى بىر خىل تەھدىت چىرمىۋالغاندەك ھېس قىلىپ، جىددىيلىشىدۇ، تەشۋىشلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نەپەس قىسىلىش، يۈرەك سېلىش، چىرايى تاتىرىش، تەرلەش، كىچىك تەرەت كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

تەشۋىشلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:

1. كەيپىياتنى ياخشى ساقلاشتا قانائەتچانلىق تولىمۇ مۇھىم. پىسخىكىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاش، كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتۇش، ھەر قانداق ئىشتا كەڭ قورساق بولۇش، ئويلىرىنى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى ھەممە ئىشلارنى ئەمەلىيەتكە باغلىماي، ئوي-خىيالى بويىچە ئىش قىلغاندا ئاسانلا تەشۋىشلىك، خامۇشلۇق، ئۆچمەنلىك، قايغۇرۇش، غەزەپلىنىشتەك پاسسىپ كەيپىياتلار شەكىللىنىدۇ.

2. ئۆزىگە ئىشىنىش نېرۋا خاراكتېرلىك تەشۋىشلىكنى داۋالاشتىكى ئالدىنقى شەرت. ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوقلار ئۆزىنىڭ ئىشلارنى تاماملاش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدۇ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىنى كۆپتۈرۈپ، شۇ سەۋەبتىن قايغۇرىدۇ، جىددىيلىشىدۇ ۋە قورقىدۇ. شۇڭا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئۆستۈرۈش تولىمۇ مۇھىم.

3. يېنىك دەرىجىدىكى تەشۋىشلىكنى يوقىتىشتا ئاساسلىقى ئۆزىگە تايىنىش كېرەك. تەشىۋشلىك كېسىلى پەيدا بولغاندا ئۇنىڭغا توغرا يۈزلىنىپ، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوشۇرماسلىق كېرەك. تەشىۋىشلىكنى يوقىتىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى تەڭشەپ، دىققەت ئېتىبارىنى يېڭى شەيئىلەرگە قارىتىش ۋە تەشۋىشلىك تۇيغۇسىنى ۋاقتىدا يوقىتىش كېرەك.

4. تەشۋىشلىك ھېس قىلغاندا ئۆزىنى ئازادىلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. مەسىلەن مەلۇم ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغاندا تېتىك، جانلىق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشتەك كەيپىياتنى ئاڭلىق ھالدا پەيدا قىلىش كېرەك. جىم ئولتۇرۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئۆزىنى خۇددى دېڭىز ياكى كۆل بويىدىدەك، ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتقاندەك، دولقۇنلارنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلغىنىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ، جىسمانىي ۋە روھىي كەيپىياتنى پۈتۈنلەي ئازادىلەشتۈرۈپ، تەشۋىشلىكتىن قۇتۇلۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تەشۋىشلىك كېسىلىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

تەشۋىشلىك كېسىلى دېگىنىمىز كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان مۇھىت بىلەن ئۇچراشقاندا كۆرۈلىدىغان ئەنسىرەش، جىددىيلىشىش، قورقۇنچ، كۆڭۈلسىزلىك قاتارلىق كەيپىياتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.