ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇلاق نېمىشقا قىزىيدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:44

ھەممىمىزنىڭ دېگۈدەك قۇلىقى قىزىپ باققان. مۇتلەق كۆپ ساندىكى قۇلاق قىزىش بېسىم، كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى تاشقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى تەسىرىدىن بولغان قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاچچىقلىنىش، ھاياجانلىنىش، تەشۋىشلىنىش ياكى بېسىم ھېس قىلغاندا، قۇلاق قىزىيدۇ، ئەگەر ئۆزىمىزنى بېسىۋالساق قۇلاقنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، سىرتقى مۇھىت ناھايىتى سوغۇق بولغاندا، پۈتۈن بەدەن، بولۇپمۇ سىرتقا چىقىپ قالغان بەدەن قىسمىدىكى قان تومۇرلار تارىيىپ ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى ئازايتىدۇ، ئاندىن ئىسسىق ئۆيگە كىرگەندە، قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قۇلاق قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا سىرتتا ھەرىكەت قىلغاندا بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن: پوسما كىيگەندە بۇ خىل ئەھۋالنى ئازايتقىلى ھەم ئۈششۈك يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

قىسمەن ئەھۋاللاردا قۇلاقنىڭ قىزىشى «قىزىل قۇلاق يىغىندى كېسەللىكى»نىڭ ئىپادىسى بولۇپ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش بىلەن بىرگە قۇلاق قىزىپ تۇرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە نېرۋا بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇلاق نېمىشقا قىزىيدۇ؟

ھەممىمىزنىڭ دېگۈدەك قۇلىقى قىزىپ باققان. مۇتلەق كۆپ ساندىكى قۇلاق قىزىش بېسىم، كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى تاشقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى تەسىرىدىن بولغان قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.