ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قالايمىقان ئائىلە مۇنەۋۋەر بالىلارنى تەربىيلىيەلەمدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 10:18

ئائىلە ھەر بىرىمىزنىڭ ماكانى، ھەممىمىز بىر ئۆمۈر ئائىلىگە بېقىنىمىز. بالىلارغا نىسبەتەن، ئائىلە دېگەن بىرىنچى مەكتەپ، بالىلارنىڭ گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى ئائىلىنىڭ ئۈن-تىنسىز تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بالىلارنىڭ مىجەز-خۇلقى، ئائىلە سەۋەبىدىن ئاستا-ئاستا يېتىلىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كېتىدۇ، ئاتا-ئانىلار سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلارنى تەربىيلەيدۇ ، بالىلارغا ئۈلگە بولىدۇ. شۇڭا بالىلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئويلايدىغان ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلىرىغا كىچىكىدىن ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئادەتتە ئۆيلەرنى رەتلىك يىغىشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئائىلىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارغا ئۆيدە راھەت مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك، ئائىلە مۇھىتىنىڭ بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىياتىغا تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.



1. قالايمىقان ئائىلىدە ئىشچان، تىرىشچان بالىلار تەربىيلىنىپ چىقمايدۇ.

ئائىلە مۇھىتى پاكىز بولسا، بالا ئاندىن قەدىرلەشنى ئۆگىنىدۇ، ئائىلە قالايمىقان بولسا، بالىلارمۇ خالىغانچە تاشلايدۇ.
ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئۆزى ئۈلگە بولمىسا، ئائىلىگە نىسبەتەن بالىلارنىڭ قەلبىدە يامان تەسىر قالىدۇ، بالىلار كۆڭلىدە بارلىق ئائىلىلەر مۇشۇنداق دەپ قارايدۇ. بۇنداق چوڭ بولغان بالىلار مەسئۇلىيەتسىز، بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ. بىر ئائىلە مۇھىتى، ئاتا-ئانىنىڭ ھەرىكىتى چوقۇم كېيىنكى ئەۋلادلارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.



2. ئىشنى كەينىگە سوزىدىغان ئائىلىدە، مۇستەقىل بالا تەربىيلىنىپ چىقمايدۇ

ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بار، ۋاقىت قارىشى يوق، ئىش قىلغاندا سۆرەلمىلىك قىلىدۇ، تاما-تاما كۆل بولار دەپ كۆنۈپ قاپتىمەن، ئاۋۋال ئويناپ بولۇپ ئاندىن قىلىمەن دەپ، ئىشنى قايتا-قايتا كەينىگە سۈرىدۇ، ئۆزىنى ئالدايدىغان ئامال قالمىغان چاغدا، ئاندىن جىددىيچىلىك ئىچىدە قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا ۋاقىتنى قوغلىشىپ، ئاسانلا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغاچقا، قولنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويىدۇ.
بۇنداق ئاتا-ئانىلار تەربىيلىگەن بالىلارنىڭ بەختسىزلىكى، ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدىن كەلگەن بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، ئالدىراپ دىققىتىنى يىغالمايدۇ، تەلەپچان بولۇشنى بىلمىگەندە، مۇستەقىل بولالمايدۇ. بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئۆگىنىشتە قىينىلىدۇ، چوڭ بولغاندا خىزمەتتە شۇنچە كۈچىسىمۇ نەتىجە قازىنىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ.



3. گېپى سېسىق ئائىلە ئاق كۆڭۈل، ئىش ئۇقىدىغان بالىنى تەربىيلەپ چىقالمايدۇ

مېھىر – مۇھەببەتلىك ئائىلە ئىناق – ئىتتىپاق بولىدۇ، ئاغرىنىش كۆپ بولغان ئائىلىدە توختىماي ئۇرۇش-تالاش يۈز بېرىدۇ. بىر ئائىلىدە ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ تەلەپپۇزى سوغۇق، زەھەرخەندىلىك بىلەن گەپ قىلسا، ئۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بالىلارمۇ بىر-بىرىنى تىللايدۇ، بىر-بىرىنى ئەيىبلەيدۇ. كۆپ ئاچچىقلاشلار ئىچىدە چوڭ بولغان بالا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلار مۇھەببەتنى ھېس قىلالمايدۇ، قەلبى سوغۇق ھەم رەھىمسىز بولىدۇ، كەڭ قورساق بولمايدۇ، ھەمىشە يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە زىغىرلاپ كېتىدۇ. مىجەزى غەلىتە بولغاچقا، ھېچكىم بۇنداق بالىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاتا-ئانا بالىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ. ھەر بىر ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۇستازى، ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى بالىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۈلگىسى. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى، ھەر ۋاقىت بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئائىلىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىغاندا، بالىلار ئاندىن خۇشال بولىدۇ، تىرىشچانلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، بالا ئاندىن پائال تىرىشىدۇ، تىلى مۇلايىم، ياخشى نىيەتلىك بولغاندىلا، بالىلارنىڭ قەلبى مېھىر-مۇھەببەتكە تولىدۇ.



دۇنيادىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسىدە بالىسىنى چوڭقۇر سۆيىدىغان يۈرەك بار. بالىنى سۆيۈش بالىلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى چەكسىز قانائەتلەندۈرۈشنىلا كۆرسەتمەستىن، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئەخلاق ۋە ئادەت جەھەتتىكى تەربىيەنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ھەقىقىي يىراقنى كۆرەر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىغا قالدۇرىدىغىنى پۇل ئۆي ماشىنا ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، سۆز ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىپ، بالىنى بىر مۇنەۋۋەر ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قالايمىقان ئائىلە مۇنەۋۋەر بالىلارنى تەربىيلىيەلەمدۇ؟

ئائىلە ھەر بىرىمىزنىڭ ماكانى، ھەممىمىز بىر ئۆمۈر ئائىلىگە بېقىنىمىز. بالىلارغا نىسبەتەن، ئائىلە دېگەن بىرىنچى مەكتەپ، بالىلارنىڭ گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى ئائىلىنىڭ ئۈن-تىنسىز تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.