ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

​كۆز ئاستى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 10:31

كۆز ئاستى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئومۇمىي جەھەتتىن پۈتۈن بەدەن ۋە يەرلىك ئورۇندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى دىيابېت كېسىلى خاراكتېرلىك، يۇقىرى قان بېسىم خاراكتېرلىك كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەرلىك ئورۇندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆز ئاستىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، قېرىلىق خاراكتېرلىك سېرىق داغ ئۆزگىرىشى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك خاراكتېرلىك سېرىق داغ قاناش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

كۆز ئالدىدا قارا سايە ئۇچۇپ يۈرگەندەك، نەرسىلەرنى كۆرگەندە شەكلى ئۆزگىرىپ ئېگىلىپ كەتكەن، كۆرۈش دائىرىسىنىڭ ئوتتۇرىسى قارىداپ كەتكەن، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈك بولۇپ قالغان چاغدا، كۆز تېگىدىن قان چىقىشتىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

دائىم كۆز ئاستى قانايدىغان كىشىلەر، مەسىلەن، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، 60 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، يۇقىرى قان بېسىم ۋە دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كەلگەن بىمارلار ھەر يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە قەرەللىك ھالدا كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كۆز ئاستىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有