ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئ‍ۆي بېزەش بالىلارنىڭ ئ‍اق قان كېسىلى بولۇشنىڭ سەۋەپچىسىمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 10:42

نۇرغۇن ئائىلىلەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن، بىر يۈرۈش تېخىمۇ ياخشى بولغان تۇرالغۇغا ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئائىلە ئ‍ەزالىرى كۆپەيسە كىچىك ئۆيلەردە ئولتۇرغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۆي بېزىگەندە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.



دۆلىتىمىزدە بالىلاردا ئاق قان كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، ئاق قان كېسىلىگە چاقچاق قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئالدىنى ئ‍الغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟


1. ئۆي زىننەتلىگەندە ئەڭ ياخشىسى ئاددىيراق بولۇش كېرەك، بالىلار ئۆيى چوقۇم ئاددىي بولۇشى، ئىشكاپ، پول تاختىلىرىغا ياغاچنى تاللاش كېرەك، بىرىكمە تاختاي ئىچىدە كۆپ مىقداردا يېلىم بولۇپ، كۆپ مىقداردا فورمالدېھىد قويۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر نەپىس زىننەتلەنگەن ياكى بېزىلىشى يامان ئەمەس بولغان، سومكىنى بىۋاسىتە كۆتۈرۈپ كىرىدىغان نىمكەش ئۆيلەرنى سېتىۋالغىلى بولسا ئۇمۇ بولىدۇ.


2. ئۆينى بېزەپ بولغاندىن كېيىن كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى بىر يىل ھاۋا ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كۆچۈپ كىرىش كېرەك، چۈنكى بالىلار ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ % 50تى يېرىم يىل ئىچىدە يېڭىدىن ئۆي زىننەتلىگەن.

3. ئۆي كۆچۈشتىن بۇرۇن كەسپىي شىركەتلەرنى ئىزدەپ فورمالدېھىدنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەپ بېقىڭ، ئەگەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە ئالدىرىماي كۆچۈڭ.

4. ئادەتتە ئۆيدىكى ھاشارات يوقىتىش دورىسى، چاچ بوياقنى بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان جايلارغا قويۇش، ناچار ئويۇنچۇق، ئوقۇش قوراللىرى ۋە ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى بوۋاقلارغا بەرمەسلىك، ئوغرىلىقچە سېتىۋالماسلىق كېرەك.

ئومۇمەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك دىققەت قىلغاندا، يەنىلا ئاق قان كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئ‍ۆي بېزەش بالىلارنىڭ ئ‍اق قان كېسىلى بولۇشنىڭ سەۋەپچىسىمۇ؟

نۇرغۇن ئائىلىلەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن، بىر يۈرۈش تېخىمۇ ياخشى بولغان تۇرالغۇغا ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئائىلە ئ‍ەزالىرى كۆپەيسە كىچىك ئۆيلەردە ئولتۇرغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۆي بېزىگەندە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.