ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان ئۈچ خىل كىشى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-25 16:46

نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار، داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئىلغارلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆزئەينەك تاقىغاندىن باشقا يەنە ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىقمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالىغىلى بولىدۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ماس كېلىشى ناتايىن، قايسى خىلدىكى كىشىلەر يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرسا بولمايدۇ؟



18 ياشقا توشمىغانلار

18 ياشقا توشمىغانلار يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى 18 ياشتىن كىچىك ياش-ئۆسمۈرلەر تېخىچە ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۇراقسىز بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا، ئوپېراتسىيەنىڭ ئۈنۈمىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچارلاپ كېتىشى مۇمكىن.



كۆز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار

ئېغىر دەرىجىدىكى كۆز قۇرۇش كېسىلى، كۆز پەردىسى نېپىزلەش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ.



ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار

مەيلى ھامىلىدار ئاياللار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن مىقدارىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان ئۈچ خىل كىشى

نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار، داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئىلغارلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆزئەينەك تاقىغاندىن باشقا يەنە ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىقمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالىغىلى بولىدۇ