ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مېۋىنى يېيىش توغرا بولمىسا بەدەنگە زىيانلىق

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-01 10:22

 

ھازىر مېۋە-چېۋىلەر بىرقەدەر كۆپ چىقىدىغان پەسىل، شۇنداقلا تېمپېراتۇرا پەرقى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىغان پەسىل! بۇ پەسىلدە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يەپ بەرسە، بەدەندىكى سۇ ۋە ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ، لېكىن مېۋە يېگەندىمۇ ئىلمىي بولۇش كېرەك، بولمىسا سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.



1. پاكىز يۇيۇش: نۇرغۇن مېۋە چېۋىلەر پىشىشتىن بۇرۇن پەرۋىش قىلغاندا قۇرت، قۇشلارنىڭ زىيانكەشلىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن دېھقانچىلىق دورىلىرى چاچىدۇ، شۇڭا سېتىۋالغان ياكى ئۈزگەن مېۋىلەرنى چوقۇم بىر نەچچە قېتىم يۇيۇش، مېۋىدىكى بۇلغىمىلار ۋە پاكىز بولمىغان نەرسىلەرنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش، شۇنداقلا يۇيۇپ بولغان سۇنى ئامال بار مېۋە ئېتى بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق لازىم.

2. ۋاقتىدا يېيىش: پاكىز يۇيۇلغان مېۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا يېيىش كېرەك.



4. توڭلاتقۇغا سېلىپ يېيىش: مېۋىنىڭ سۇ تەركىبى كۆپ، سوغۇققا مايىل بولۇپ، ئىسسىقتا ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاندىن بىۋاسىتە ئېلىپ يەيدۇ، بۇنداق قىلىش ئاشقازان-ئۈچەيدە ئاسانلا بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ.

5. شەخسىي ساغلاملىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يېيىش: مېۋە-چېۋىلەر ئەسلىدىنلا بەلگىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مېۋە-چېۋىلەرنى تاللاش ئىستېمال قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مېۋىنى يېيىش توغرا بولمىسا بەدەنگە زىيانلىق

ھازىر مېۋە-چېۋىلەر بىرقەدەر كۆپ چىقىدىغان پەسىل، شۇنداقلا تېمپېراتۇرا پەرقى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىغان پەسىل!