ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمىشقا ھەمىشە ناھايىتى چارچىغاندەك ھېس قىلىسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 09:29

ئەگەر سىز ناھايىتى ساغلام غىزالىنىپ، قانغۇچە ئۇخلىسىڭىز، ئەمما ھەمىشە سەۋەبسىزلا ھارغىنلىق ھېس قىلىسىز، بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئادىتىڭىزدىن سەۋەبىنى ئىزدەپ بېقىشىڭىز كېرەكتۇر. بەزىدە دەل مۇشۇنداق مەقسەتسىز ئادەتلەر زېھنىي كۈچىڭىزنى ئۈزلۈكسىز خورىتىپ، سىزنى چارچىتىپ قويىدۇ.

1. تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا بەك بېرىلىپ كېتىش

كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قىسىم-قىسىملاپ كۆرۈش سىزنى روھىي جەھەتتىن چارچىتىدۇ، چۈنكى سىز تىياتىرنى كۆرۈش جەريانىدا ئۆزىڭىزنىڭمۇ تىياتىردىكى پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىيات ماجىراسىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىسىز.

لېكىن، تىياتىرغا بەك كىرىشىپ كەتسىڭىز، ئىزچىل تۈردە كۈچلۈك كەيپىيات ئىچىدە قالىسىز، مەيلى ئىجابىي ياكى سەلبىي كەيپىيات بولسۇن، ھەممىسى زىيادە ھاياجانلىنىش ۋە روھلىنىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلمەيسىز، چارچاپ ھالىڭىزدىن كېتىسىز.

2. ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىلىقى بەك ئۇزۇن بولۇش



بەدەن بىز يېگەن يېمەكلىكلەردىن ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا ئۈچ ۋاق تاماقنى مۇقىم تەمىنلەشكە موھتاج. ھەر ۋاقلىق تاماقتا تەمىنلەنگەن ئېنېرگىيە تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ، شۇڭا بەك ئۇزۇن ۋاقىت نەرسە يېمىسەك فىزىيولوگىيە ۋە پىسخىكا مېخانىزىمىنىڭ تەسىرىدە ئىشتىھايىمىز ئېچىلىپ كېتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا بىز دائىم كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى، يەنى يۇقىرى قان شېكىرى كۆرسەتكۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئويلايمىز.

ئوزۇقلۇق پىسخولوگى ئۇما نايدۇ (Uma Naidoo): «بىز تېخىمۇ كۆپ كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلساق، بولۇپمۇ يەككە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىنسۇلىن سەۋىيەمىز ئۆرلەيدۇ. ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ھامان قان شېكىرىمىز تۆۋەنلەپ، كۆرۈنەرلىك ھارغىنلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ» دېدى.

3. خىزمەت ئۈستىكى بەك قالايمىقان بولۇش

بىر قالايمىقان مۇھىتتا خىزمەت قىلىش دىققىتىڭىزنى تېخىمۇ ئاسان چېچىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، سىز تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ۋەزىپىنى ئورۇندىيالايسىز، بۇ جەرياندا ئۆزىڭىزنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولىسىز، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىسىز.

4. ھەممە ئىشنى زىيادە بالدۇر پىلانلىۋېلىش

ھەمىشە بىر دۆۋە بېجىرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىشلارغا يولۇققاندا كۆزلەنمە تەشۋىشىڭىزنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ھەمدە خىزمەت خاتىرىڭىز ۋە بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىڭىزگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇ سىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىنى كۆڭۈل قويۇپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ھەمدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىڭىزنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى، روھىي ھالىتىڭىزنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



5. ئېچىۋالغان تور بەت بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن

بىرلا ۋاقىتتا 25 تور بەتنى ئاچسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ باتارېيەسى ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيلا قالماستىن، يەنە چوڭ مېڭىڭىزمۇ نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدۇ.

چىكاگودىكى كېسەللىك مىساللىرى ئۇنىۋېرسال ساغلاملىق ئاپپاراتىنىڭ باش نېرۋىشۇناسى رانا مافى (Rana Mafee): «بىر تور بەتتىن يەنە بىر تور بەتكە ئالماشقاندا، سىزگە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغاندەك خاتا تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بەك ئاچكۆز» دېدى.

6. ئىشنىڭ يېرىمىنى قىلىپلا تاشلاپ قويۇش

ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە كەينى-كەينىدىن كېلىدىغان كاشىلا قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، سىز دائىم ئۆزىڭىزنىڭ ئىشنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە تاشلاپ قويۇپلا، تېخىمۇ جىددىي ياكى ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز

ئورۇنلانمىغان ھەر بىر ۋەزىپە ئاز بىر قىسىم دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ، بۇ« دىققەت قالدۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ.

سىزدە دىققەت قالدۇقى ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، چوڭ مېڭىڭىز نورمىدىن ئارتۇق ئىشلەيدۇ، ھەم كۆز ئالدىڭىزدىكى ۋەزىپىنى ئويلىشىشىڭىز ھەم ئىلگىرى قىلغان ۋەزىپىڭىزنىڭ يېرىمىنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر قولىڭىزدىكى ئىشنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولسىڭىز، بۇ ۋەزىپىنىڭ بېجىرىلىش ئالدىدىكى تەپسىلاتلىرىنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دىققەت قالدۇقىنى ئازايتالايسىز. بۇنداق قىلىش ئالدىنقى ۋەزىپىگە بولغان ئوي- خىياللىرىڭىزنى ئازايتىشقا، چوڭ مېڭىدىكى قالايمىقان خىياللارنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

7. چېچىلاڭغۇ ئولتۇرۇش قىياپىتىڭىز

EHE ساغلاملىق ئورگىنىنىڭ داۋالاش باش نازارەتچىسى نائىن سافدار (Naueen Safdar): «ناچار ئولتۇرۇش ھالىتى مۇسكۇل، بوغۇم ۋە تارىمۇشلار ئۇچرايدىغان بېسىمنى ئاشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق زېھنىڭىزنى زور دەرىجىدە خورىتىدۇ. بەدىنىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا مەجبۇر بولۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھارغىنلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ» دېدى.



8. قىسقا نەپەسلىنىش

گەرچە نەپەسلىنىش بىر خىل ئاڭسىز ھەرىكەت دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز باش قاتۇرىدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ھەمىشە ناتوغرا نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز.

ئوزۇقلۇق پىسخولوگى ئۇما نايدۇ: «تېيىز نەپەسلىنىش ئادەم بەدىنى سۈمۈرگەن ئوكسىگېننىڭ مىقدارىنى ئازايتىدۇ ھەمدە قان ئارقىلىق ئەزا ۋە ھۈجەيرىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان ئوكسىگېن مىقدارىنى ئازايتىدۇ. تېيىز نەپەسلىنىش يەنە تەشۋىشلىنىشنى كۈچەيتىدىغان ۋە ھارغىنلىق تۇيغۇسىنى قوزغايدىغان چوڭ مېڭە نېرۋا يولىنى قوزغايدۇ» دېدى.

مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ بەك جىددىيلەشكىنىڭىزگە ياكى بېسىمىڭىزنىڭ بەك چوڭ ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلسىڭىز، بىر قانچە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئارقىلىق تېيىز نەپەسلىنىشنىڭ زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇڭ.

9. ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى تاغدەك دۆۋىلەپ قويۇش

بىراۋغا ئۇچۇر قايتۇرۇش، لامپۇچكا ئالماشتۇرۇش، ئەرمەك ھايۋانلارغا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى ئالدىن كېلىشىش...بۇنداق مەقسەتسىزلا دۆۋلىنىپ قالغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار كىشىنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ، ئەقلىي كۈچىنى خورىتىدۇ.

روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى تايسون لىپپى (Tyson Lippe ): «سانى كۆپ بولغاچقا، ئاسان ئىش بولغان تەقدىردىمۇ ئادەمگە ئېغىر يۈكتەك بىلىنىدۇ ۋە تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ» دېدى.

كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتتە، ھەر قانداق بەش مىنۇت ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى دەرھال قىلىش كېرەك، بۇمۇ ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەشنىڭ تاللىشى. لېكىن دەرھال بېجىرىش ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمىسە، كاللا ئىشلىتىپ ئەستە ساقلاپ يۈرمەسلىك كېرەك.

10. ئاخشىمى چىراغنى بەك يورۇق قىلىۋېلىش

ئاخشىمى يورۇق چىراغدا چوڭ مېڭە خاتا ھالدا يەنىلا كۈندۈز دەپ قالىدۇ. تايسون لىپپى: «بۇ چوڭ مېڭە ئاجرىتىپ چىقارغان ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مېلاتونىننى تورمۇزلاپ، ئۇيقۇ-ئويغىنىش دەۋرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش ۋە چارچاش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمىشقا ھەمىشە ناھايىتى چارچىغاندەك ھېس قىلىسىز؟

ئەگەر سىز ناھايىتى ساغلام غىزالىنىپ، قانغۇچە ئۇخلىسىڭىز، ئەمما ھەمىشە سەۋەبسىزلا ھارغىنلىق ھېس قىلىسىز، بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئادىتىڭىزدىن سەۋەبىنى ئىزدەپ بېقىشىڭىز كېرەكتۇر.