ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، چاي ئىچىشنىڭ زادى قايسىنىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-29 16:42

1. ھاراق ئىچىش
كۆپ قىسىم ئىسپىرت جىگەرنىڭ مېتابولىزمى ئارقىلىق پارچىلىنىدۇ. مېتابولىزم جەريانىدا قەنت، ئاقسىل ۋە ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مېتابولىزمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر قېتىشىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئىسپىرتنىڭ ئارىلىقتىكى مېتابولىزم مەھسۇلاتى ئېتىل ئالدېگىد ھەممە ئېتىراپ قىلغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، دائىم يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ھاراقنى ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان راكى، جىگەر راكى، سۈت بېزى راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئەرلەرنىڭ ھاراقنى چەكلىمىسىز ئىچىشى جىنسىي ئىقتىدارنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئىسپىرت قاندىكى ئەرلىك ھورمۇننى تۆۋەنلىتىپ، ئانىلىق ھورمۇننى پارچىلاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، قاندىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپىرت نېرۋا سىستېمىسى ۋە قان تومۇر سىستېمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھاراق ئىچىشمۇ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن ھاياتىغا تەھدىت يېتىدۇ.

2. تاماكا چېكىش
تاماكا چېكىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، تاماكا تەركىبىدە نىكوتىن، كوكس مېيى، نىترىدلار ۋە كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بەك كۆپ بولۇپ، گېنلاردا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، گېنلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، زەخىملىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى ۋە ئېغىز بوشلۇقى راكى قاتارلىق كۆپ خىل راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

تاماكا چېكىشمۇ ئوخشاشلا يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، تاماكىدىكى نىكوتىن سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلاپ، يۈرەك سوقۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى ۋە يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماكا چېكىشمۇ قاندىكى كاربون ئوكسىدلىق گېموگلوبىن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيە ئىچكى پەردىسىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى تېزلىتىدۇ، ھەتتا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىككىلەمچى تاماكا بىلەن ئۈچلەمچى تاماكىنىڭ زىيىنى بىۋاسىتە تاماكا چېكىشتىن قېلىشمايدۇ، ئۈچلەمچى تاماكىنىڭ قالدۇقلىرى ئەتراپتىكى بۇلغىغۇچى ماددىلار بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىپ، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىدۇ، تېرە، ھەزىم قىلىش يولى ۋە نەپەس يولى ئارقىلىق سۈمۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى ۋە زىققا قاتارلىقلار پەيدا قىلىدۇ.

3. چاي ئىچىش
چاي ئىچىشنىڭ پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ بار، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كوفېئىن چوڭ مېڭە پوستىلىقىنى قوزغىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. چاي يوپۇرمىقىدا مىنېرال ماددا، يىرىك تالا، خىلوروفىل ۋە يېلىم قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، سالامەتلىككە پايدىلىق. ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى چاي يوپۇرمىقىدىكى چاي پولىفېنولى، بۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە ئەركىن رادىكاللارنى تازىلايدۇ.

بىراق، خاتا چاي ئىچىش ئۇسۇلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، قېنىق چاي ئىچكەندە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان راكىنى پەيدا قىلىدۇ. بەك قىزىق چاي ئىچكەندە ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى تەكرار كۆيدۈرۈپ، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، چاي ئىچىشنىڭ زادى قايسىنىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭ؟

كۆپ قىسىم ئىسپىرت جىگەرنىڭ مېتابولىزمى ئارقىلىق پارچىلىنىدۇ.