ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۆشسىز تاماقمۇ قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

مەنبەسى:نۇرتورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-29 16:46

گۆشنى بەك كۆپ يېسە ئاسانلا قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما، نوقۇل گۆشسىز تاماق يېيىشمۇ قاندا ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

گۆشسىز تاماق يېسە قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن:
1. يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى بىر خىل بولغاندا، ناھايىتى ئاسانلا بەزى B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرسىز بولۇپ، ياغ مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىپ، قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
2. نوقۇل ھالدا گۆشسىز تاماق يېيىش ماينى قوبۇل قىلمىغانغا باراۋەر ئەمەس. ئۆسۈملۈك مېيى ۋە بىر قىسىم قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ ماي ماددىسى مول بولۇپ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، خاسىڭ، گازىر قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا گۆشنى مۇۋاپىق يېگەندە، قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، مۇھىمى گۆشنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ يېيىش، مەسىلەن، ئاق گۆشنى كۆپ يېيىش، قىزىل گۆشنى ئاز يېيىش، ھەر كۈنى يەيدىغان گۆش «بىر مۇشت»دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، گۆش يېگەندە كۆكتاتلارنىمۇ كۆپرەك يېيىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۆشسىز تاماقمۇ قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

كۈندىلىك تۇرمۇشتا گۆشنى مۇۋاپىق يېگەندە، قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ