ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يېمەكلىك دەرىجىسى»دىكى گىرىم بۇيۇملىرى مەۋجۇت ئەمەس

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-15 16:35

يېگىلى بولىدىغان مېۋە ئۇيۇتمىسى شەكلىدىكى لەۋ سۇرۇخى، «يېمەكلىك دەرىجىسىدىكى» بالىلارنىڭ ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، نۆۋەتتە، «يېمەكلىك دەرىجىسىدىكى» گىرىم بۇيۇملىرى تەشۋىقاتى بازارنى قاپلاپ كەتتى، سودىگەرلەر بۇ خىل گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ خام ماتېرىيالىنىڭ ھەممىسى «تەبىئىي»، «ھېچقانداق خىمىيەلىك تەركىب قوشمىغان» بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولۇپلا قالماي، ھەتتا بىۋاسىتە ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ دەپ تەشۋىق قىلماقتا. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى «يېمەكلىك دەرىجىلىك» گىرىم بۇيۇملىرى ئىستېمالچىلارنى خاتا يېتەكلەش، ئازدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئېلان قىلغان «بالىلار گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە بالىلار گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ماركىسىغا «يېمەكلىك دەرىجىسى»، «يېيىشكە بولىدۇ» قاتارلىق سۆز ياكى يېمەكلىككە ئالاقىدار سۆزلەر يېزىلسا بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ھاۋا ئارمىيە ئالاھىدە مېدىتسىنا مەركىزى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن يەن ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «يېمەكلىك دەرىجىسى»دىكى گىرىم بۇيۇملىرى مەۋجۇت ئەمەس.

تيەن يەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بەزى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا «يېمەكلىك» ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان بەزى خام ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەن، بەزى سودىگەرلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇنداق گىرىم بۇيۇملىرىنى «يېمەكلىك دەرىجىلىك» گىرىم بۇيۇملىرى دەپ ئاتاپ، ئۆزى ساتقان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلارغا بۇنداق گىرىم بۇيۇملىرىنى بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ بىخەتەر دەپ بېشارەت بەرگەن، بالىلار يېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ خەتىرى يوقمىش.

تيەن يەن تەكىتلەپ: «ئەمەلىيەتتە، گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن يېمەكلىك ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەھسۇلات، ئوخشاش بولمىغان قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلات ئۆلچىمى، خام ئەشيا تەلىپى، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى قاتارلىقلار بولىدۇ، ئاتالمىش يېمەكلىك دەرىجىسىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس» دېدى.

تيەن يەن يەنە: «بىر گىرىم بۇيۇمىنىڭ بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشتە ئۇنىڭ خام ماتېرىيالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭ مەھسۇلات تەييارلاش ئۇسۇلى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ساقلاش شارائىتى قاتارلىقلارنى باھالاش كېرەك. گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۇنىڭ <ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى> بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دېدى.


بەزى سودىگەرلەر «يېمەكلىك» ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ گىرىم بۇيۇمى ئىشلەپچىقارغان تەقدىردىمۇ، ئىشلەپچىقارغان گىرىم بۇيۇمىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. «گىرىم بۇيۇمىغا ئىشلىتىلگەن خام ماتېرىياللار مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلمىگەن «يېمەكلىك» خام ماتېرىيالىنى خام ماتېرىيال سۈپىتىدە گىرىم بۇيۇمىغا قوشماقچى بولسا، يەنە ئۇنىڭ تېرىنى غىدىقلاشچانلىقى، تېرىگە سەزگۈرچانلىقى، نۇردىن زەھەرلىنىش، يورۇقلۇققا سېزىمچانلىقى قاتارلىقلارنى توكسىكولوگىيەلىك باھالاش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك باھالاش ئارقىلىق بىخەتەر دەپ قارالسا ھەمدە دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ گىرىم بۇيۇمىنىڭ يېڭى خام ماتېرىيالىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ ياكى ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن پەرداز بۇيۇمىنىڭ خام ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «گىرىم بۇيۇمىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسى»گە ئاساسلانغاندا، ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ياكى يېمەكلىكلەردە كەڭ ساقلىنىۋاتقان بەزى ماددىلار گىرىم بۇيۇمىدا چەكلەنگەن خام ماتېرىيالى قىلىپ كىرگۈزۈلۈپ، پەرداز بۇيۇمىغا قوشۇش مەنئى قىلىنىدۇ، مەسىلەن، جىنياڭيۇسى، ۋىتامىن K-1 قاتارلىقلار.

دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، «گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن، گىرىم بۇيۇملىرى «سۈركەش، پۈركۈش ياكى باشقا شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇسۇللار»دىن ئىبارەت بولۇپ، تېرە، چاچ، تىرناق، لەۋ قاتارلىق ئادەم بەدىنى سىرتقى يۈزىگە ئىشلىتىلىدىغان كۈندىلىك خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا، گىرىم بۇيۇملىرى ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن مەھسۇلات ئەمەس. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىش جەريانىدا ئەگەر بەزىدە كالپۇكتىن ئاز مىقداردا گىرىم بۇيۇملىرى قوبۇل قىلسا، مەسىلەن، لەۋ سۇرۇخ، لەۋ مەلھىمى قاتارلىقلاردىنمۇ بەك ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇ خىل قوبۇل قىلىش مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، يەنىلا بىخەتەر يول قويۇش دائىرىسىدە بولىدۇ. ئەگەر بالىلار گىرىم بۇيۇملىرىنى خاتا ھالدا يېمەكلىك دەپ قاراپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆپلەپ ئىستېمال قىلسا، ساغلاملىق خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەگەر بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يەنە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

بۇنىڭدىن سىرت، «گىرىم بۇيۇمىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن، گىرىم بۇيۇمىنىڭ خەتكۈچىگە «ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان مەزمۇن» يېزىش مەنئى قىلىنىدۇ. گىرىم بۇيۇمىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە «يېمەكلىك دەرىجىسى»، «يېيىشكە بولىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنغان بولسا،گىرىم بۇيۇمىنىڭ خەتكۈچىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، مەنئى قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يېمەكلىك دەرىجىسى»دىكى گىرىم بۇيۇملىرى مەۋجۇت ئەمەس

يېگىلى بولىدىغان مېۋە ئۇيۇتمىسى شەكلىدىكى لەۋ سۇرۇخى، «يېمەكلىك دەرىجىسىدىكى» بالىلارنىڭ ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ،