ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەلباغسىمان قوقاق بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-24 14:48

بەلباغسىمان قوقاق بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، لېكىن ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا بەلباغسىمان قوقاققا تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.
بەلباغسىمان قوقاق بولسا، سۇ چېچىكى ۋە بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئادەتتە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن مەزگىلدە يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن، ياشانغانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار، دائىم تۈنەش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار، نورمال كىشىلەرمۇ بەلباغسىمان قوقاققا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.

ئەيدىز كېسىلى بولسا ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، كېسەللىك قوزغالغاندا ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز بىمارلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا بەلباغسىمان قوقاققا تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有