ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قانداق ئەھۋالدا سۈنئىي تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىش كېرەك؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 09:30

ئادەم بەدىنى ئۆرە تۇرۇش، مېڭىش ھالىتىدە تۇرغاندا، تىز بوغۇمى ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىم ئېغىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، تىز بوغۇمى تۆۋەنكى مۈچىنىڭ ھەر خىل ھەرىكەتلىرىدە ماسلىشىش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ ئامىللار تىز بوغۇمىنىڭ باشقا بوغۇملارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تىز بوغۇمى زەخىملەنگەن ھامان، تىز بوغۇمى ئىششىش، ئاغرىش، سوزۇلۇش ۋە ئېگىلىش چەكلىمىگە ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھەرىكەت چەكلىمىگە ئۇچراپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېببىي تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تىز بوغۇمى زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا قارىتا، تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدۇ، تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش بىمارنىڭ بوغۇم ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاغرىقنى پەسەيتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئەھۋاللاردا تىز ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ماس كېلىدۇ؟

1. ئاخىرقى باسقۇچتىكى تىز بوغۇمى سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار

تىز بوغۇمى سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا، تىز بوغۇمىدا روشەن ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ، بوغۇم بوشلۇقى روشەن تارىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىز بوغۇمى غەيرىيلىكى قوشۇلۇپ، بىمارنىڭ ھەرىكىتى روشەن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىقتىدارىمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى مۇتەئەسسىپ داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىغان، بۇنداق ئەھۋالدا، بىمار تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا بولىدۇ.



2. زەخىملىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى

زەخىملىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى بوغۇملارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىققان بوغۇم ياللۇغى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى بوغۇملار ئىششىپ ئاغرىش. دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر يېنىك بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، دورا بىلەن داۋالاش قاتارلىق مۇتەئەسسىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالى تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ، كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، مۇتەئەسسىپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، پەقەت بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

3. قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغى، رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى تىز بوغۇمىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىمارلار

بۇ كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا، تىز بوغۇمى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىپ، بوغۇملار شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇ بىمارنىڭ بوغۇم ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا يەنە بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، بوغۇم ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.



يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل ئەھۋالدىن باشقا، قاناشقا مايىللىق تىز بوغۇم ياللۇغى، چوڭ سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرى ۋە ئاغرىققا ئىنتايىن سەزگۈر، ئوپېراتسىيەنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ۋە خەۋپ-خەتىرىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بەزى بىمارلارمۇ بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى ئويلىشىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.


ئۇنداقتا، تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى قىلسىلا ھېچنىمىدىن غەم يىمەمدۇ؟

تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئوپېراتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئەزانىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى بولىدۇ، ھازىر سۈنئىي ئەزانىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئادەتتە 15-20 يىل بولىدۇ، بەزى ياش بىمارلار تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىشى مۇمكىن.

شۇڭا، تىز بوغۇمى زەخىملەنگەن بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر مۇتەئەسسىپ داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولسا، ئوپېراتسىيە ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئوپېراتسىيە قىلىش زۆرۈر بولسا، ئىككىنچى قېتىم ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن ئوپېراتسىيەدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ.

قانداق ئەھۋاللار تىز ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ؟

ئەگەر پۈتۈن بەدەن ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار، ئوپېراتسىيەگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بىمارلار بولسا ياكى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنكى مۈچە قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا ياكى تىز بوغۇمى مۇسكۇل نېرۋا ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىغان بولسا، بۇ بىمارلار بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا، ئالدى بىلەن قان شېكىرى، قان بېسىمىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، يۈرەك تىقىلمىسى بىمارلىرى يېرىم يىل ئىچىدە بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماسلىقى كېرەك.

تىز بوغۇمى زەخىملەنگەن بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۈنئىي تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئۇلارنىڭ ئازابىنى ھەل قىلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، لېكىن بارلىق بىمارلار بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلىشقا ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

ئادەتتە، تىز بوغۇم ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ، بىمارنىڭ بوغۇم ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇتەئەسسىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەندىلا، ئاندىن بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئوپېراتسىيەگە ماس كەلمەيدىغان ئامىللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قانداق ئەھۋالدا سۈنئىي تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىش كېرەك؟

ئادەم بەدىنى ئۆرە تۇرۇش، مېڭىش ھالىتىدە تۇرغاندا، تىز بوغۇمى ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىم ئېغىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، تىز بوغۇمى تۆۋەنكى مۈچىنىڭ ھەر خىل ھەرىكەتلىرىدە ماسلىشىش رولىنى ئوينايدۇ، بۇ ئامىللار تىز بوغۇمىنىڭ باشقا بوغۇملارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.