ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمە ئۈچۈن بويۇنغا ئۆسۈكچە پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 09:32

بۈگۈنكى كۈندە، «بويۇن ئۆسۈكچىسى» دېگەن سۆز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.

بولۇپمۇ تۇغۇتلۇق ئانىلاردىن ئىبارەت بۇ توپتا، نۇرغۇن كىشىلەر بالا تۇغقاندىن كېيىن دۈمبىسى بارغانسېرى قېلىنلاپ، بوينىنىڭ كەينىدە ئۆسۈكچە ئۆسۈپ چىقىپ، تاشقى قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.


تۇغۇتلۇق ئانىنىڭ بوينىغا نېمە ئۈچۈن ئۆسۈكچە ئۆسۈپ قالىدۇ؟

بويۇن ئۆسۈكچىسى ئاساسلىقى بويۇن بىلەن دۈمبە تۇتاشقان جايغا، يەنى بويۇن ئومۇرتقىسى بىلەن كۆكرەك ئومۇرتقىسى تۇتاشقان جايغا ئۆسىدىغان بولۇپ، بىز دائىم دەيدىغان «داجۈي پەللىسى» مۇ مۇشۇ رايونغا جايلاشقان.


نۇرغۇن تۇغۇتلۇق ئانىلار بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئادەت خاراكتېرلىك ھالدا ئۇزۇن ۋاقىت بېشىنى تۆۋەن قىلىدۇ (قۇچاقلاپ بېقىش، بالىنى بەزلەپ ئۇخلىتىش قاتارلىقلار).

ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، بوينىنى ئالدىغا سوزۇپ، كۆكرەك كېرىپ دۈمچەك بولۇش ھالىتىنى ساقلىغاندا، ئومۇرتقا ئاستا-ئاستا كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئارقا تەرىپى كۆپۈپ، بويۇن ئومۇرتقىسى ھەددىدىن زىيادە ئالدىغا كۆپۈپ، بويۇن-كۆكرەك تۇتاشقان ئورۇندىكى سۆڭەك قۇرۇلمىسى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.


ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقنىڭ ھالىدىن ئۇزۇن ۋاقىت خەۋەر ئېلىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ياكى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ئۇلارنىڭ بويۇن ۋە دۈمبە قىسمىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، بويۇن ۋە دۈمبە قىسمىدا تېخىمۇ كۈچلۈك غىدىقلىنىش ۋە يىغىلىپ قېلىش خاراكتېرلىك زورۇقۇش پەيدا قىلىپ، قىسمەن قان ئايلىنىش ياخشى بولماي، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ۇ رايوندىكى يۇمشاق توقۇلمىلار (مۇسكۇللار) بارا-بارا كۆپىيىپ، قېلىنلاپ، مۇناسىپ مونەكلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئانىلاردا «بويۇن ئۆسۈكچىسى»نىڭ پەيدا بولۇشىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب.


بۇ باسقۇچتا، بويۇن ئۆسۈكچە رايونى كىچىك ئومۇرتقا بوغۇملىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، مۇسكۇللارنىڭ چىڭقىلىشى ۋە قېتىشىشى، مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشى، ھەتتا ئاغرىشى بىلەن بىللە بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، تۇغۇتلۇق ئانىنىڭ بوينىغا ئۆسۈكچە ئۆسۈپ چىقىشى، ئاساسلىقى ئۇزاق مۇددەت قىياپەتنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دائىم «بېشىنى ئالدىغا تارتىۋېلىش»، «ساغرىسىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش» تەك ناچار بەدەن ھالىتى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ھامان، ئۆزىنىڭ قىياپىتى ۋە ئادىتىنى تېزدىن تۈزىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز.


ئەلۋەتتە، يەنىلا ئاز بىر قىسىم «بويۇن ئۆسۈكچىسى»نى تېرە ئاستى ياغ ئۆسمىسى قاتارلىق ئورۇن ئىگىلەش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن؛ يەرلىك ئورۇننى باسقاندا، ئۇنىڭ چېگراسى ئېنىق، يۇمشاق، ئاغرىمايدۇ، ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ. بۇ خىل سەۋەبلەردىن شەكىللەنگەن «بايلىق سومكىسى»نى پەقەت قىياپەتنى تەڭشەش ئارقىلىقلا يوقاتقىلى بولمايدۇ.

شۇڭا، «بويۇن ئۆسۈكچىسى» پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قىياپەتنى تەڭشەپ، «بويۇن ئۆسۈكچىسى»نى ياخشىلاش ئۈچۈن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، ئەگەر ياخشىلاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇرنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇپ، سىستېمىلىق داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. تېرە ئاستى ياغ ئۆسمىسىنى ئويلاشقاندا، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، تېشىپ پاتولوگىيە قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمە ئۈچۈن بويۇنغا ئۆسۈكچە پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟

ئەلۋەتتە، يەنىلا ئاز بىر قىسىم «بويۇن ئۆسۈكچىسى»نى تېرە ئاستى ياغ ئۆسمىسى قاتارلىق ئورۇن ئىگىلەش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن؛