ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ھەر خىل بىئاراملىق ئالامەتلىرى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-19 09:45

بۈگۈن مەن بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ياكى نېمە سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

1. سۇلۇق ئىششىق

a. سۇلۇق ئىششىقنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبى سۈيدۈك ئاقسىلى بەك كۆپ بولۇپ كېتىش سەۋەبىدىن قان ئاق ئاقسىلى تۆۋەنلەپ كېتىش.

b. بۆرەك شارچىلىرىنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارى بەك ناچار بولسا، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ زىيادە ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىققان سۇ چىقىرىۋېتىش توسقۇنلۇقىدۇر.

c. قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى.

d. دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇلۇق ئىششىق، مەسىلەن، «دىپىڭ» تۈرىدىكى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى پۇت ئوشۇقىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ.

يۈرەك زەئىپلىشىشمۇ سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەسكەرتىش: ھورمۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈز يوغىناش، ئىششىق ئەمەس، بەلكى سېمىزلىك.

2. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئىنكاسى، مەسىلەن كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق.

بۆرەك زەئىپلەشكەندىن كېيىن بەدەندىكى ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلار ئۆرلەيدۇ، بولۇپمۇ ئۇرېيە ئازوت ئۆرلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى بىمارلاردا ئەسلىدىنلا ئاشقازان كېسىلى بولىدۇ، ھەر خىل دورىلارنى يېگەندىن كېيىن ئاشقازاننى غىدىقلاپ يۇقىرىقى بىئاراملىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.



3. باش ئاغرىش، باش قېيىش

قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك، قان بېسىمى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە باش ئاغرىش، باش قېيىش بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ، يامان سۈپەتلىك يۇقىرى قان بېسىمى پەيدا بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىدۇ، قان بېسىمى تۆۋەن بولغاندا پەقەت باش قېيىش كۆرۈلىدۇ.

باش ئاغرىش، باش قېيىش كۆرۈلسە بىرىنچى بولۇپ قان بېسىمىنى ئۆلچەش كېرەك.

4. پۇت-قول ئاغرىش

بىلەك، پۇت ئاغرىسا، ئېلېكترولىتنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، بەلكىم كالتىسىي كەملىكتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قان تەكشۈرگەندە كالتسىينىڭ نورمال ئىكەنلىكى بايقالسا، قان تەركىبىدە كالتسىي كەم بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما سۆڭەك ۋە توقۇلمىلاردا كالتسىي كەم بولسا، پۇت-قول ئاغرىيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر بۆرەك ئىقتىدارى زەخىملەنگەن بولسا، قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنى تەكشۈرۈش ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ ئاكتىپ ۋىتامىن Dنى تاللاپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

5. پەي تارتىشىش

مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، بولۇپمۇ كېچىدە ئاسان قوزغىلىدۇ، بەلكىم كالتسىي كەملىكتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.



6. تېرە قىچىشىش

ئادەتتە بۆرەك زەئىپلەشكەندە فوسفور ئىئونى ئۆرلەپ، ئوتتۇرا، چوڭ مولېكۇلالىق توكسىن ئۆرلەپ كېتىدۇ.

7. پۇت-قول ئۇچى، كالپۇك، تىل ئۇچى ئۇيۇشۇش

بارماق ۋە پۇت بارماقلىرى، كالپۇك، تىل ئۇچى ئۇيۇشۇپ قالغاندا، يۇقىرى كالىيلىق قان كېسىلى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېلېكترولىتنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

8. قورساق كۆپۈش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك سېلىش

قورساق كۆپۈش، چارچاش، يۈرەك سېلىش بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەندە، ئېلېكترولىتنى تەكشۈرۈش كېرەك، بۇ بەلكىم تۆۋەن كالىيلىق قان كېسىلىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر يۇقىرىقى بىر خىل ياكى ئىككى خىلدىن ئارتۇق بىئاراملىق كۆرۈلسە، ئېلېكترولىتنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

9. نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش

نەپەس قىيىنلىشىش، يۆتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، تۈز ياتقاندىن كېيىن ئېغىرلىشىپ، ئولتۇرغاندا يېنىكلىسە، بۇ يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئىپادىسى، بۇ ۋاقىتتا تۈز ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

10. تېرە قارىداپ كېتىش

ئەسلىدە تېرە ئاق ھەم پارقىراق بولىدۇ، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن تېرە ئاستا-ئاستا قارىداپ، پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى توكسىننىڭ تېرىگە چۆكۈشى بەك يۇقىرى بولۇپ، قان ئازلىق قوشۇلۇپ بۇ خىل ئىپادىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

11. بوغۇم ئاغرىش

بوغۇملار ئاغرىش، بولۇپمۇ كىچىك بوغۇملاردا قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ قوزغىلىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، كېسەلگە قاراپ بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا، قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ قىممىتىنى تەكشۈرۈش كېرەك.



12. كېچىلىك سۈيدۈك كۆپىيىش

كېچىلىك سۈيدۈك كۆپىيىش، قېتىم سانى ياكى مىقدارى كۆپ بولۇش، بۆرەك كىچىك نەيچىسى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەرلەردە مەزى بېزى مەسىلىسىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

13. بەل ئاغرىقى

بەل ئاغرىش ياكى بەل بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، كۆپىنچىسىنىڭ بۆرەك بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، چۈنكى بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاغرىق سەزگۈچى نېرۋىلارنىڭ تارقىلىشى بولمايدۇ، شۇڭا كۆپ ھاللاردا بۆرەك كېسەللىكى گاچا كېسەل بولۇپ، ئاغرىمايدۇ، قىچىشمايدۇ. بەل بىئارام بولغاندا، كۆپىنچە بەل مۇسكۇلى ياكى بەل ئومۇرتقىسىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. بۆرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەل بىئارام بولۇش كۆپ خالتىلىق بۆرەك، بۆرەك ئۆسمىسى، بۆرەككە سۇ يىغىلىش، بۆرەككە تاش چۈشۈش قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

14. سۈيدۈكتە كۆپۈك كۆپ بولۇش

سۈيدۈك كۆپۈكچىسى سۈيدۈك ئاقسىلى، سۈيدۈك شېكىرى، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ھەر خىل بىئاراملىق ئالامەتلىرى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟

بۈگۈن مەن بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ياكى نېمە سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن