ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يان تېلىفون ئوينىغاندا كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-23 10:29

يېقىندا يان تېلىفون ئوينىغاندا كۆزئەينەكنى زادى ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ ـ يوق؟ دېگەن تېمىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

دۇڭنەن داشۆسى قارمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جاڭ جۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىپ يانتېلېفونغا قاراش كىرپىكسىمان مۇسكۇلنىڭ بوشىشىغا پايدىلىق دېگەن قاراش توغرا ئەمەس. بىز يېقىندىكى نەرسىلەرنى كۆرگەندە، كۆزنىڭ كىرپىكسىمان مۇسكۇلى قىسقىراش ھالىتىدە بولىدۇ، ئەگەر كىرپىكسىمان مۇسكۇلنى بوشاشتۇرماقچى بولساق، يىراققا قاراشقا توغرا كېلىدۇ، شۇندىلا ئارام ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا، كۆز ئاسراش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يان تېلېفون ئوينىغاندا زادى كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ؟ جاڭ مۇدىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئاساسلىقى شەخسىنىڭ ئەھۋالغا باغلىق ئىكەن، ئەگەر كۆزئەينەكنى ئېلىۋەتكەندە باش قېيىش سېزىمى بولسا، كۆزئەينەك تاقىسىلا بولىدۇ. يىراقنى كۆرەلمەسلىك دەرىجىسى يۇقىرى كىشىلەرگە نىسبەتەن، كۆزئەينەك تاقىسا تېخىمۇ يېنىكلەپ قالىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يان تېلىفون ئوينىغاندا كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ ؟

يان تېلىفون ئوينىغاندا كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ ؟