ئاتا-ئانىلار دىققەت
كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تارماقلىرى يېقىندا سىكارلاتىنا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ئەسكەرتتى. سىكارلاتىنا دۆلىتىمىزدە قانۇندا بەلگىلەنگەن ب تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا يوق.
سىكارلاتىنا A تۈردىكى β تىپلىق قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، بالىلاردا بادامبەز ياللۇغى، ئانگىنا قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.