ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىلاردىكى بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى بىلەمسىز؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-07 08:49

1. ئىرسىيەت ئامىلى: ئىرسىيەت ئامىلى جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە بەزى گېنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنىڭ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى دەلىللەندى.
2. ھەر خىل كېسەللىك: جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىچىدىمۇ ھەرخىل كېسەللىكلەر بار. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئەزالاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى-مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، تۆۋەندىكى دۆڭچە مېڭە، مېڭە ئاستى بېزى ئۆسمىسى ياكى باشقا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. سېمىزلىك: بالىلاردىكى سېمىزلىك ياشلىق مەزگىلىدە بالدۇر يېتىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، قىزلارنىڭ خەتىرى ئوغۇللارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. سېمىزلىك ماي ھۈجەيرىلىرىنى ئۇرۇقلىتىدىغان ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنى غىدىقلاپ، جىنسىي بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاسانلا بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە بودەك بالىلارنىڭ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ شۇ.
4. يېمەك-ئىچمەك ئامىلى: ئادەتتىكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما بۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان تاماق ئېتىش ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ياغدا پىشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئەسلىدە ساغلام بولغان توخۇ گۆشىنى ياغقا تويۇندۇرۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، سېمىزلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


5. قۇۋۋەت دورىلىرى: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تېزرەك ئۆسۈشى ئۈچۈن ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئەنسىرەپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشۋىقاتىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىپ، بالىلارغا قۇۋۋەت دورىلىرى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يېگۈزۈپ، مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، بالىنىڭ  تېز يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. بۇلغىنىش ئامىلى: يېمەكلىككە قوشۇلغان پىشىشنى تېزلىتىش دورىسى، يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى، پىلاستىكلاشتۇرغۇچ قاتارلىقلار بالىلارنىڭ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
7. ناچار ئادەت ئامىلى: بەزى بالىلار قاراڭغۇدىن قورققاچقا، چىراغ ياندۇرۇپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن. بۇ نۇر بالىلارنىڭ مېڭىسىدىكى مېلاتونىن ھورمۇنىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئازايتىۋېتىدۇ. ئادەتتە تورمۇزلىنىۋاتقان بەز-گىپوفىز جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇننى قوزغاتقانغا باراۋەر بولۇپ، يېتىلىشنى ئالدىغا سۈرىۋېتىدۇ.


8. گىرىم بۇيۇملىرى: چوڭلارنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ياكى يۇيۇش بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدە جىنسىي ھورمۇن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھورمۇنلار تېرە ئارقىلىق سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، بالىلار ئاسانلا جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ.
9. ئۇچۇرنىڭ غىدىقلىشى: مۇھەببەت فىلىملىرى، ھەتتا مۇھەببەت تۈسىنى ئالغان كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ۋىدېيو قاتارلىقلاردىكى بەزى جىنسىي ئۇچۇرلارغا چوڭلار سەزگۈر بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇزاق مۇددەت بۇنداق ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچراشقاندا تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە گىپوفىز نېرۋىلىرىنىڭ رېفلېكسى تەكرار غىدىقلىنىپ، ئاسانلا بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىلاردىكى بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى بىلەمسىز؟

1. ئىرسىيەت ئامىلى: ئىرسىيەت ئامىلى جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە بەزى گېنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنىڭ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى دەلىللەندى.