ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەل ئومۇرتقىسىنى ئاسراشتا…

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-07 09:03

بەل ئومۇرتقا تەخسىسىنى ياخشى ئاسراش-بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بەل ئومۇرتقىسى ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. بەل ئومۇرتقىسىنى ئاسراشتا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىلىدۇ:

بەلنى ئىسسىق ساقلاش

بەل قىسىم نۇرغۇن مۇھىم قان تومۇر ۋە نېرۋىلارنىڭ يولى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەننىڭ يادرولۇق رايونلىرىنىڭ بىرى. بەل قىسىمغا سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندا، قىسمەن قان تومۇرلار تارىيىپ، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، ئاسانلا مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش، ئاغرىش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. بەلنى ئۇزۇن ۋاقىت سوغۇق قاپلاپ كەتسە، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىشنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى ئاشىدۇ. بەلنى ئىسسىق ساقلىغاندا، بەل ئاغرىقىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى ۋە بەل ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

توغرا قىياپەتنى ساقلاش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، مەيلى ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ياكى ياتقاندا بولسۇن، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ تەبىئىي يوسۇندا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت ئوخشاش بىر قىياپەتتە تۇرۇشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ئۇزۇن ۋاقىت بەلنى ئېگىش ياكى تولغىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئۇزاق ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەنلەرگە نىسبەتەن ئادەم بەدىنى قۇرۇلۇش ئىلمىغا ماس كېلىدىغان ئورۇندۇق ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ ھەمدە بەل ۋە دۈمبىنى ئىمكانقەدەر تىرەپ تۇرۇش كېرەك.

يادرولۇق مۇسكۇل توپىنى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش

بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يادرولۇق مۇسكۇل توپى قورساق، دۈمبە ۋە داس سۆڭىكى ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ بەل ئومۇرتقا تەخسىسىنى تىرەپ تۇرۇش ۋە قوغداشتا ئەھمىيىتى زور. شۇڭا قاراتمىلىق چېنىقىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن، بېلىنى تۇتۇپ كەينىچە مېڭىش قاتارلىقلار. بۇ ئارقىلىق مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ شۇنداقلا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ بېسىمى يېنىكلەيدۇ.

زىيادە كۈچەشتىن ساقلىنىش

ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرگەندە ياكى بەل قىسمىنىڭ كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغان باشقا ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغاندا، قىياپەتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئامال بار تۇيۇقسىز بۇراش ياكى ھەددىدىن زىيادە بەل ئېگىشتىن ساقلىنىش، بەل ئومۇرتقا تەخسىسىگە بولغان زەخىمنى ئازايتىش كېرەك.

بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش

بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىشنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش-بەل ئومۇرتقا تەخسىسىنى ياخشى ئاسراشتا ئىنتايىن مۇھىم.
ساغلام ئوزۇقلىنىش.

تەڭپۇڭ بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى سۆڭەك ۋە مۇسكۇللارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق. يېتەرلىك كالتسىي، ۋىتامىن D ۋە سۆڭەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىك تالالىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىپ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلىغاندا، بەل ئومۇرتقا تەخسىسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.

ئۇزاق ۋاقىت سىلكىنىشتىن ساقلىنىش

قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت ھەيدەشكە ياكى ئۇنىڭغا ئولتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان كىشىلەر بەلنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت سىلكىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك. بەل قىسمىنى تىرەپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ياكى ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكى ۋە بۇلۇڭىنى تەڭشەپ، بۇ ئارقىلىق بەل ئومۇرتقا تەخسىسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

تاماكا چېكىشنى تاشلاش ۋە ھاراق ئىچىشنى ئازايتىش

تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشنىڭ ھەممىسى بەل ئومۇرتقا ساغلاملىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش

بەل ئومۇرتقىسىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش كېرەك، بۇ ئارقىلىق كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. بەل ئومۇرتقىسى مەسىلىسى بار كىشىلەر دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئەمەل قىلىپ، داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم.

 

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بەل ئومۇرتقىسىنى ئاسراشتا…

بەل قىسىم نۇرغۇن مۇھىم قان تومۇر ۋە نېرۋىلارنىڭ يولى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەننىڭ يادرولۇق رايونلىرىنىڭ بىرى. بەل قىسىمغا سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندا، قىسمەن قان تومۇرلار تارىيىپ، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، ئاسانلا مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش، ئاغرىش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.