ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى سىگنالىغا سەل قارىماڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-07 09:07

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىسىڭىز، ئېھتىيات قىلىڭ! بۇ بەلكىم بەل ئومۇرتقا تەخسىسى چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.

بەل ئاغرىقى

بۇ بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىققان بىمارلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى. ئاغرىق نەچچە ھەپتە ياكى نەچچە ئاي داۋاملىشىشى ھەمدە قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە ياكى ھاجەتخانىغا كىرگەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئاغرىق ئادەتتە ئارام ئالغاندىن كېيىن يېنىكلەيدۇ.

بەل قىسمىنىڭ ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش

بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بەل قىسمىنىڭ ھەر قايسى يۆنىلىشتىكى ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ بەلنى كەينىگە سوزغاندا، چەكلىمىگە ئۇچراش روشەن بولىدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلار بەلكىم ئالدىغا ئېگىلگەندە، ھەرىكىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

ئومۇرتقا يانغا ئېگىلىش

نۇرغۇن بىمارلارنىڭ بەل ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يانغا ئېگىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا ئېگىلىش يۆنىلىشى پولتىيىپ چىققان جاينىڭ ئورنى ۋە نېرۋا يىلتىزىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىققان بىمارنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.

يۇقىرىقى بىلەك تۆۋەنكى مۈچە ئاغرىش

يۇقىرىقى بىلەك تۆۋەنكى مۈچە ئاغرىش ئادەتتە بىر تەرەپتىكى بىلەكنىڭ تۆۋەنكى مۈچە ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى رايونىنىڭ رادىياتسىيە ئاغرىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئاغرىق ساغرا قىسمىدىن باشلىنىدۇ، ئاستا-ئاستا يوتىنىڭ ئارقا تەرىپى، پاقالچاقنىڭ سىرتقى تەرىپىگە تارقىلىدۇ، ھەتتا پۇت دۈمبىسىنىڭ سىرتقى يان تەرىپى ياكى تاپانغا تەرەققىي قىلىپ، ئۆرە تۇرۇش ۋە مېڭىشقا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئۇيۇشۇش سېزىمى

پۇتنىڭ باش بارمىقىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىىنى بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ نېرۋا يىلتىزىنى بېسىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بىمارلار ئاياغ كىيگەندە ياكى يول ماڭغاندا، كۈچىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشى ھەتتا پۇتنىڭ ئۇچىدا يەرنى دەسسەش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

بەل ۋە پۇت سوغۇقتىن قورقىدۇ

بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش سەۋەبىدىن نېرۋا بېسىۋېلىنىدۇ، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىقتىن، بىمارنىڭ بەل ۋە پۇتى سوغۇقتىن بەك قورقىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئوخشاش بولمىغان بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشاش بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئالامەتلەرمۇ باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ. توغرا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشقا ئېرىشىش شۇنداقلا، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش، چېنىقىشنى كۈچەيتىش، يۈكنى زىيادە كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر.

 

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى سىگنالىغا سەل قارىماڭ

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىسىڭىز، ئېھتىيات قىلىڭ! بۇ بەلكىم بەل ئومۇرتقا تەخسىسى چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.