بالا دائىم خاتا ئوقۇسا خاتا يازسا بەلكىم بۇ كېسەل بولۇشى مۇمكىن
تەنھالىقنى خالاش كېسىلى ۋە دىققىتىنى يىغىش ۋە كۆپ ھەرىكەت قىلىش توسالغۇسىنى ئالاھىدە مائارىپ بويىچە داۋالاش مۇتەخەسسىسى، ئاۋسترالىيە كىۋېنسلاند داشۆسى ئىجتىمائىي پىسخىكا فاكۇلتېتىنىڭ پەخرىي باكالاۋرى لۇ چېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا دائىم خاتا كۆرۈش، خاتا ئوقۇش ياكى خاتا يېزىش؛ ئوقۇش سۈرىتى ئاستا، جۈملىنى ئۈزۈش ۋە توختاش خاتا بولۇش؛ ئوقۇغاندا مەزمۇننى چۈشىنەلمەسلىك، ئوقۇغان مەزمۇننى ئەسلىيەلمەسلىك، ماتېرىيالدىن مۇۋاپىق يەكۈن چىقىرىشى ۋە تەھلىل قىلىشى قىيىن بولۇش؛ ئېنىق ياكى تەشكىللىك يازما ئىپادىلەش قىيىن بولۇش، گەپ قىلىش ۋە يېزىقچىلىق قالايمىقان بولۇش؛ توغرا ماتېماتىكىلىق خۇلاسە چىقىرىشقا ئامالسىز قېلىش، رەقەم تۇيغۇسى ناچار بولۇش، ھېسابلاش خاتالىقى كۆپ بولۇش؛ تەشكىللەش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ياتاق ئۆي، تاپشۇرۇق، كىتاب ئۈستىلى قالايمىقان بولۇش؛ مەكتەپكە بېرىشنى خالىماسلىق، دائىم چارچاش، بېسىم ھېس قىلىش، ھەتتا تەشۋىشلىنىش ياكى خامۇشلۇق كەيپىياتى بولۇش قاتارلىقلار مەۋجۇت بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىپادىلەر بولغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار يېتىلىش خاراكتېرلىك ئۆگىنىش توسالغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، يەككە باھالاش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئاستىدىكى ئۇنىۋېرسال داۋالاشقا ئارىلىشىشنى يېتىلىش خاراكتېرلىك ئۆگىنىش توسالغۇسىنى داۋالاش پىرىنسىپى قىلىشقا بولىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا قوللاش خاراكتېرلىك پىسخىكىلىق داۋالاش، ئائىلىدە ئارىلىشىش، ئۆگىنىش ماھارىتى ئالاھىدە تەربىيەسى ۋە كۈچەيتىش مەشىقى قىلىش، نېرۋا پىسخىكىلىق ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دورا بىلەن داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار بار، ئەگەر بالىنىڭ ئۆگىنىش قىيىنچىلىقى مۇشۇ تۈرگە تەۋە بولسا، ئادەتتە ئىلمىي ئارىلىشىشتىن كېيىن ياخشىلىنىش ئۈنۈمى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
تەرجىمان: مەھلىيا ئىبراھىم
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان