ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇلارنى مۇنداق ساقلاڭ!
ئاشخانا ئۆيدىكى تۇرمۇش پۇرىقى ئەڭ كۈچلۈك جاي بولۇپ، بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشى كۈندىن-كۈنگە جانلىنىدۇ، سىز ئاشخانىغا ساغلاملىق «خەتەرلىك رايونى» يوشۇرۇنغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
دورا-دەرمەك بۇنداق ساقلاڭ، سۈپىتى كاپالەتلىك بولىدۇ
سۇيۇق دورا-دەرمەكلەر
جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، خۇاڭجيۇ، يېمەكلىك مېيى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى سۈرتۈپ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ، شامال ئۆتۈشىدىغان قۇرغاق جايغا قويۇش ھەمدە قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
پاراشوكسىمان دورا-دەرمەكلەر
تۇز، شېكەر، جىجىڭ، تېتىتقۇ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا نەملىكتىن ساقلىنىش، سالقىن، قۇرغاق جايغا قويۇپ ساقلاپ كېرەك، نەملىكتىن كاللەكلىشىپ قېلىپ تەمىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
قىيام تۈرىدىكى دورا-دەرمەكلەر
خاۋيۇ، خاسىڭ مەلھىمى، پۇرچاق قىيامى، تاتلىق ئۇن قىيامى، پەمىدۇر قىيامى قاتارلىقلار بوتۇلكىنى ئاچقاندىن كېيىن ئادەتتە توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاپ كېرەك.
يېڭى دورا-دەرمەكلەر
پىياز، زەنجىۋىل، سامساق قاتارلىق يېڭى تېتىتقۇلارنى ئادەتتە سالقىن، شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇپ قويسىلا بولىدۇ، ئەگەر توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسا، يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسىغا قاچىلاپ، تەم ئۆتۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
تەرجىمان: ئابدۇخالىق ئەمەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان