ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك، دىققەت قىلىڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-05 16:36

 

ياز پەسلى قاپارتمىلىق ئانگىنا كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل. مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيجىڭ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى دوختۇرخانىلاردىن ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن بالىلار قىزىش، گېلىغا «كۆپۈكچە» چىقىش قاتارلىق قاپارتمىلىق ئانگىنا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، گەرچە بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەتتا چوڭلارمۇ يۇقۇملىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

قاپارتمىلىق ئانگىنا ئۈچەي يولى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان، بالىلارنىڭ ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكى بولۇپ، ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى يۇتقۇنچاق ئاغرىش، شۆلگەي ئېقىش، ئانگىنا قىسمىدا نۇرغۇن قاپارتما پەيدا بولۇش ھالىتىدە ئىپادىلىنىدىغان بولغاچقا، يۇتقۇنچاق ئاغرىش سەۋەبىدىن تاماق يېيىشكە تەسىر يېتىدۇ.

تەرجىمان: پەزىلەت ئارسلان

سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك، دىققەت قىلىڭ!

ياز پەسلى قاپارتمىلىق ئانگىنا كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل. مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيجىڭ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى دوختۇرخانىلاردىن ئىگىلىشىچە،