ئۇزاق مۇددەت يۆتەلسە ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالامدۇ؟
كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر زۇكام بولغاندىن كېيىن يۆتىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە تۆۋەنكى نەپەس يولىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۆتەل بىلەن ئۆپكە ياللۇغى ئوخشىمىغان ئۇقۇم، يۆتەل پەقەت كېسەللىكنىڭ ئالامىتى، ئۇ كېسەللىك ئەمەس. چۈنكى يۆتەلنى ھەر خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار پەقەت ئۈستۈنكى نەپەس يولىغا چېتىلىپ، تۆۋەنكى نەپەس يولىغا تەسىر كۆرسەتمىگەندە، ئادەتتە يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەتتىكى زۇكام يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۆپكە ياللۇغىمۇ يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن يۆتەل بولسىلا چوقۇم ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
يۆتەل ئېغىر بولغاندا، تۈز ياتقاندا نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلار ئاسان يىغىلىپ قېلىپ، يۆتەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا باشنى ئېگىز قويۇپ يېتىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل ئارقىلىق بەلغەمنى چىقىرىشقا پايدىلىق. ئەگەر قان تۈكۈرۈش (بەلغەمدە قان ئارىلاش كېلىش)، كېچىدە ياكى بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتكەندە يۆتەل ئېغىرلاشسا، كۆپ مىقداردا سېرىق يىرىڭلىق بەلغەم بولسا، ياكى يۇقۇملانغاندىن كېيىن قايتا قىززىسا، نەپەس قىسىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق ئەسلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىشىدۇ، شۇڭا يۆتەل ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتكەندە، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: نۇزىگۈل ئىمىر