ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يازدا تاۋۇز يېيىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-09 10:27

  تاۋۇز سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى يېڭى، پۈتۈن تاۋۇز سېتىۋېلىش، ئامال بار پىچىلغان تاۋۇزنى سېتىۋالماسلىق كېرەك، چۈنكى پىچىلغان تاۋۇزنىڭ قانچىلىك ۋاقىت قويۇپ قويۇلغانلىقىنى بىلمەيسىز. ئەگەر ھەقىقەتەن بىر تاۋۇزنى يەپ بولالمىغاندا، باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر تاۋۇز سېتىۋېلىپ، ئۇدۇللۇق سېتىۋېلىپ، ئۇدۇللۇق توغراپ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال توڭلاتقۇغا سېلىش، دەرھال يەۋېتىش كېرەك. ئامال بار كىچىك پارچىلانغان تاۋۇزنى سېتىۋالماڭ. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز كىشىلەر ئالاھىدە ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  تاۋۇز توغرايدىغان سايمانلار پاكىز بولۇشى، تاۋۇز توغرايدىغان چاغدا ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان پىچاق ۋە دۆشە ئىشلىتىش، ئامال بار قىڭراق، گۆش توغرايدىغان پىچاق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. تاۋۇزنى كېسىشتىن بۇرۇن، پىچاق ۋە دۆشىنى قايناقسۇ بىلەن قايتا-قايتا يۇيۇپ، پىچاق ۋە دۆشىنىڭ باكتېرىيەدىن بۇلغىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر سېتىۋالغىنى پۈتۈن تاۋۇز بولسا ھەمدە بىر قېتىمدىلا يەپ بولالمىسا، كۆپچىلىك پىچاق بىلەن تاۋۇزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا كېسىپ، ئاندىن تاۋۇزنى ئىككىگە بۆلسە بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تاۋۇز ئېتىنىڭ پىچاق بىلەن بۇلغىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇشتۇپ بولغاندىن كېيىن، تاۋۇزنى يېڭى پېتى ساقلاش پەردىسى بىلەن پېچەتلەپ توڭلاتقۇغا سېلىش كېرەك.

  نورمال تېمپېراتۇرىدا ساقلاش ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، باكتېرىيە ۋە باشقا مىكرو ئورگانىزملار ئاسان كۆپىيىدۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى ئاسان ئۆزگىرىدۇ. كۆپچىلىك ئەگەر بىر تاۋۇزنى يەپ بولالمىغاندا، نورمال تېمپېراتۇرىدا ساقلىماقچى بولسا، ئامال بار تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا ئامال بار ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ. ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، باكتېرىيە زور مىقداردا كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

  توڭلاتقۇدا ساقلاشتا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ئەگەر توڭلاتقۇدا تاۋۇزنى ئايرىم ساقلايدىغان بوشلۇق بولسا، تەم ئۆتۈشۈپ كەتمەيدۇ، سۇ تەركىبى ئېقىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا يېڭى پېتى ساقلاش پەردىسى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. بولمىسا تاۋۇزنى يېڭى پېتى ساقلاش پەردىسى بىلەن ئوراپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىش ۋە تەم ئۆتۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەيلى يېڭى پېتى ساقلاش پەردىسى ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەن بولسۇن، سوغۇق ساقلاش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنىڭ سىرتقى قەۋىتىنى كېسىۋېتىش كېرەك.

  بىر سانتىمېتىر كېلىدىغان قىسمى باكتېرىيە ۋە سۈپىتى ئاسان ئۆزگىرىدىغان قىسمى بولۇپ، يېيىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى كېسىۋېتىپ، باكتېرىيەدىن بۇلغىنىش خەۋپىنى ئازايتىش كېرەك. يېگەندە تاۋۇزنىڭ رەڭگى ۋە تەمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ئەمدى يېمەڭ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىڭ.

  تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى

  سېلىشتۇرغۇچى: نۇزىگۈل ئىمىر

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يازدا تاۋۇز يېيىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

تاۋۇز سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى يېڭى، پۈتۈن تاۋۇز سېتىۋېلىش، ئامال بار پىچىلغان تاۋۇزنى سېتىۋالماسلىق كېرەك