ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تاماقتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلسا ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتەمدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-09 14:30

تاماقتىن كېيىن ھەرىكەت قىلسا ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتەمدۇ؟ بۇ ئەنسىرەش سەل ئارتۇقچە. ئۇنىڭ نەزەرىيە ئاساسى بولسا ئەمدىلا تويغان چاغدىكى ئاشقازان خۇددى سۇ قۇيۇلغان شارغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا يۈگۈرۈپ سەكرەپ ھەرىكەت قىلسا، ئاشقازاننىڭ شەكلى ئىچىدىكى نەرسىلەر تەرىپىدىن ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمىز مۇسكۇلغا بېقىنىدۇ. نۇرغۇن پەي، سېرىقەت قاتارلىقلار ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك جايدا تۇرىدۇ. گەرچە ئاز-تولا ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن يۆتكىلىش يۈز بېرىشى ناھايىتى تەس. ئاشقازاننىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بولسا بۇ بىر يۈرۈش ئاسما سىستېمىدىن چاتاق چىققانلىقتىن بولىدۇ. مەسىلەن، دىيافراگما مۇسكۇلىنىڭ ئېسىلىش كۈچى يېتەرلىك بولمىغاندا، تىرەپ تۇرىدىغان پەيلەرنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، بوشىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قورساقنىڭ ئىچكى بېسىمى تۆۋەنلەپ، ئاشقازاننىڭ كېرىلىش كۈچى تۆۋەن بولۇپ، قورساق مۇسكۇلى بوشىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىپ كېتىش، دىيافراگما مۇسكۇلىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىقلار ئاشقازاننىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئاز يېيىش ياكى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىشمۇ ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئەمما، بۇ ئامىللار كۆپ ھاللاردا كۈندىن ـ كۈنگە جۇغلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ تاماقتىن كېيىن يېنىك ھەرىكەت قىلىش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا، تاماقتىن كېيىن بىرەر يۈز قەدەم مېڭىپ قويغانغا ئاشقازاننىڭ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.
ئەلۋەتتە ئەگەر بەك تويۇپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا دەرھاللا يۈگۈرۈش، ئارغامچا سەكرەش دېگەندەك قاتتىق ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا، ئاشقازاندىكى نەرسىلەرنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئەلۋەتتە ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەپ بولۇپلا قاتتىق ھەرىكەت قىلىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ، ھەرىكەت شەكلى ئۆزگىرىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭا ئەگەر قاتتىق ھەرىكەت بولسا، تاماق يەپ بولۇپ 1 ـ 2 سائەتتىن كېيىن قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

سېلىشتۇرغۇچى: نۇزىگۈل ئىمىر

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تاماقتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلسا ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتەمدۇ؟

تاماقتىن كېيىن ھەرىكەت قىلسا ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتەمدۇ؟ بۇ ئەنسىرەش سەل ئارتۇقچە.