ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-26 13:52


بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچىسى: بويۇن ئومۇرتقىسى تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى. بويۇن ئومۇرتقىسى تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئادەتتە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىسى بويۇن مۈرە ئاغرىش، مۈرە قېتىپ قېلىش، رېنتىگېندا تارتىلغان سۈرەتتە بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يادرو ماگنىتىك رېزونانىسى تەكشۈرۈشى قىلغاندا بويۇن ئومۇرتقىسى تەخسىسى پولتىيىپ چىققانلىقى كۆرۈلىدۇ.
ئىككىنچىسى: سازاڭسىمان ئۆسۈكچە نېرۋا يىلتىزى تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى. نېرۋا يىلتىزى تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ بويۇن نېرۋا يىلتىزىنى بېسىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىلەكتە رادىياتسىيەلىك ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، يەنە قول ئۇيۇشۇش ياكى ماغدۇرسىزلىنىش قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا يۇقىرى مۈچە مۇسكۇللىرى يىگىلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۈچىنچىسى: يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى. يۇلۇن تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئەڭ ئېغىر بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بولۇپ، ئاساسلىق ئالامەتلىرى پۇت ـ قوللىرى ئاغرىش، ئۇيۇشۇش، ماغدۇرسىزلىنىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بەزى بىمارلاردا نەپەس قىيىنلىشىش، يول مېڭىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھاسىغا تايىنىشقا ياكى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
تۆتىنچىسى: باشقا تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى. باشقا تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى باش ئاغرىش، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. بەزى بىمارلاردا تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىش، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈز قىسمى ئاغرىپ ئۇيۇشۇش قاتارلىق تىپىك بولمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنى بويۇن ئومۇرتقىسىغا قان يېتىشمەسلىك ياكى باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان
 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟