«بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئېغىر كېسەل ئەمەس» دېگەن قاراش توغرىمۇ؟
بويۇن ئومۇرتقىسى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، تەۋرىنىشنى پەسەيتىش، قوغداش، تۇتاشتۇرۇش ۋە ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە. باش ۋە بەدەننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، بويۇن ئومۇرتقىسى بويۇننىڭ جانلىق ھەرىكىتىنى ساقلاش، يۇلۇن نېرۋىلىرىنى قوغداش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. ئەگەر بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتسە، مەسىلەن، ئۇزۇن ۋاقىت باش ئېگىش، ئۇزۇن مۇددەت ئۈستەلگە مۈكچىيىپ خىزمەت قىلىش، ياستۇق بەك ئېگىز ياكى بەك تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار بويۇن ئومۇرتقىسى زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ھەتتا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەزىلەر «بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ئېغىر ئەمەس، بىر مەزگىل ئارام ئالسىلا پەسىيىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ خىل قاراش خاتا. ئەگەر بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا يول قويۇلسا، سەكتە، مېڭە پارالىچى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەگەر بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك، ھەمدە كېسەلگە قاراپ ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان