ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بارمىقىڭىزدىكى ئەتتىكەننى قالايمىقان يۇلماڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-30 13:43

ھەر قېتىم پەسىل ئالماشقاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ بارماقلىرىدا ئەتتىكەن پەيدا بولىدۇ،  تېببىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەتتىكەن ئاساسلىقى تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىكەن. تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى باشقا ئورۇندىكى تېرىگە نىسبەتەن، تىرناق ئەتراپىدىكى تېرىدە تەر بېزى ۋە تېرە ياغ بېزى بولمايدۇ. شۇڭا قۇرغاق مۇھىتتا ئاسانلا سۇ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئەتتىكەن پەيدا بولىدۇ.تاشقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى سەۋەبىدىن ياكى دائىم مەلۇم ئىشنى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قول تېرىسىنىڭ سۈركىلىشى كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەتتىكەن پەيدا بولىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دائىم تىرنىقىنى چىشلىشى ۋە بارمىقىنى غاجىلىشىمۇ تېرىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئەتتىكەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئەتتىكەن ۋىتامىن كەملىكىدىن بولىدۇ، دەيدىغان بىر خىل قاراش بار. لېكىن ھەقىقىي ئەھۋال شۇكى، ۋىتامىن كەمچىل بولسا تېرە قۇرغاقلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئەتتىكەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىۋاسىتە سەۋەب ئەمەس.

    بارماقلىرىمىزدا ئەتتىكەن پەيدا بولۇپ قالسا، قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك؟ ئالدى بىلەن قولىمىزنى 37 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى ئىلمان سۇغا بەش مىنۇت چىلاپ، تېرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىنى يۇمشىتىمىز، ئاندىن پاكىز تىرناق ئالغۇچ ياكى قايچا بىلەن ئەتتىكەننى يىلتىز قىسمىدىن كېسىپ ئېلىۋېتىمىز، ئالغاندا ھەرگىز يۇلماسلىقىمىز كېرەك، ئاخىرىدا قولغا تېرە سىلىقلاش مېيى سۈركەپ تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلايمىز.

بارماقلاردا ئەتتىكەن پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قولنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. شارائىتى بارلار ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا ياكى ئەمگەك قىلغاندا رېزىنكە پەلەي كىيىۋالسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا قول يۇيۇش قېتىم سانىنى ئازايتقىلى، تېرە مېيىنىڭ خوراپ كېتىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، تېرە مېيى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ياخشى نەملىك ساقلىغۇچ ھېسابلىنىدۇ. قول يۇغاندىن كېيىن قول ئاسراش مېيىنى سۈرتۈپ بەرسە، تىرناقنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تەرجىمان: گۈلرىز سۈرئەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بارمىقىڭىزدىكى ئەتتىكەننى قالايمىقان يۇلماڭ

ھەر قېتىم پەسىل ئالماشقاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ بارماقلىرىدا ئەتتىكەن پەيدا بولىدۇ، تېببىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەتتىكەن ئاساسلىقى تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىكەن.