بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
1. بەدەن ھالىتىنى توغرا ساقلاش. توغرا بەدەن ھالىتىنى ساقلاش چارچاشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئولتۇرغاندا، ئۆرە تۇرغاندا ياكى ماڭغاندا، ئامال بار دۈمبىنى تىك تۇتۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت باشنى ئېگىپ تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2.خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. ئۇزاق ۋاقىت جىم ئولتۇرغاندا بويۇن مۇسكۇللىرى قېتىپ، بويۇننىڭ بېسىمى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئۈستەلدە مۈكچىيىپ خىزمەت قىلىدىغان خادىملار ھەر بىر مەزگىلدە بويۇن قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، مەسىلەن، بويۇننى سولغا، ئوڭغا ئايلاندۇرۇش، ئالدى-كەينى باش لىڭشىتىش قاتارلىقلار، شۇنداقلا مۈرە بويۇن مۇسكۇللىرىنى سوزۇش ۋە بوشىتىش كېرەك.
3.بويۇن مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش. دائىم بويۇن قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش، مەسىلەن، باشنى ئاستا ئايلاندۇرۇش، مۈرىسىنى قىسىش قاتارلىقلار. بۇ ئارقىلىق بويۇن مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرغىلى شۇنداقلا بويۇن قىسمىنىڭ كۈچى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
4.مۇۋاپىق ياستۇق ئىشلىتىش. ياستۇق بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە باش ۋە بويۇننى ھەددىدىن زىيادە ئالدىغا ئېگىپ، يۇلۇننى بېسىۋالىدۇ، ياستۇق بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە باش-بويۇننى ھەددىدىن زىيادە كەينىگە قايرىۋېلىپ، بويۇن قىسمىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياستۇقنىڭ ماتېرىيالى قارا بۇغداي پوستى، تېرىق پوستى ۋە يېشىل پۇرچاق پوستى قاتارلىق تىرەش كۈچىگە ئىگە ماتېرىياللار بولسا ئەڭ ياخشى. ئومۇرتقىنىڭ تەبىئىي ئەگرى سىزىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم.
5.زىيادە ئېغىر يۈك كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش. ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرگەندە، جىسىمنىڭ ئېغىرلىقى بىلەك ئارقىلىق بويۇن ئومۇرتقىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ، بويۇن ۋە يۇقىرىقى مۈچە مۇسكۇللىرى تارتىلىپ، ئاسانلا بويۇن قىسمىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىمارلىرى ئامال بار زىيادە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
6.بېسىمنى يېنىكلىتىش. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى بېسىملىق ھالەتتە تۇرسا، بويۇن مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا جىددىيلىشىش قاتارلىق ناچار كەيپىيات كۆرۈلگەندە، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
7.تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىش. ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇل ۋە پەيلەرنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. شۇڭا كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تاللىسا بولىدۇ. مەسىلەن سەيلە قىلىش، سۇ ئۈزۈش، يوگا قاتارلىقلار.
تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان