تومۇز مەزگىلىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!
تومۇز-بىر يىل ئىچىدىكى قۇياش نۇرى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان مەۋسۇم، بۇ مەزگىلدە كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ھاۋارايى ئالاھىدىلىكى-يۇقىرى تېمپېراتۇرا، نەم ئىسسىق بولغاچقا كىشىلەر دائىم دەيدىغان «تىنچىق ھاۋارايى» غا تەۋە بولىدۇ.
تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ «كۈچلۈك دۈشمىنى». تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدىكەن. تېمپېراتۇرا بىر سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىسە، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈمنىڭ ئومۇمىي خەۋپى %2.1 ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە سەكتىسى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالاھىدە كېسەللىك خەۋپى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدىكەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ياز پەسلىنى خاتىرجەم، راھەت ئۆتكۈزۈش كېرەك.
تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان