ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ساغلام بولامدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-28 15:14

 

  نۇرغۇن كىشىلەر بىزار بولغان سېرىق چىش ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە نورمال چىشنىڭ رەڭگى. نورمال چىشنىڭ رەڭگى ساپ ئاق رەڭدە بولمايدۇ، بەلكى سۈت رەڭ ياكى سۇس سېرىق رەڭدە ھەمدە پارقىراقلىقى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى چىشنىڭ رەڭگى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى چىش ئېمال ماددىسىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى بىلەن چىشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چىش ماھىيىتىنىڭ رەڭگى تەرىپىدىن ئورتاق بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا چىش ئاقارتىشنى زىيادە قوغلىشىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. چىش ئاقارتىش، چاپلاش ئارقىلىق چىش يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كەمچىلىكى ۋە چەكلىمىلىكى بار. ئەگەر چىشنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك سەۋەبىدىن بولمىغان چىشنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىش بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئەستايىدىل چىش چوتكىلاش، قەرەللىك چىش يۇيۇش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنى ساقلاش ۋە ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئاسرىسىلا بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ساغلام چىش ئەڭ گۈزەل ھېسابلىنىدۇ.

  تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى

  سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ساغلام بولامدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر بىزار بولغان سېرىق چىش ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە نورمال چىشنىڭ رەڭگى. نورمال چىشنىڭ رەڭگى ساپ ئاق رەڭدە بولمايدۇ،