ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالىدا زىيادە سېزىمچانلىق بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 15:10

بىرىنچى، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش. يۇقۇملىنىشنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى بار ـ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى، تېرە ئەسۋەسى قوشۇلۇپ قىچىشىش. بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بۇ خىل قىچىشىش ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا زىيادە سەزگۈر تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ـ بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، بۇرۇن قىچىشىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر. يۇقۇملىنىشنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچى، كۆز قىچىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇرۇن قىچىشىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىش. بۇنداق ئەھۋالدا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
بەشىنچى، يۆتىلىش، دېمى سىقىلىش. زۇكام ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزگىرىشچان يۆتەل ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
ئالتىنچى، يېمەكلىككە تايىنىۋېلىش ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى. بۇ بىر خىل يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئەڭ كۆپ رېئاكسىيە قىلىدىغان يېمەكلىك بۇغداي. بۇ خىل يېمەكلىك رېئاكسىيەسىدە ئەگەر يېمەكلىك ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلمىغاندا ، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىپادىسى بولمايدۇ، لېكىن قاتتىق ھەرىكەت قىلىۋەتكەندە زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى كۆپىنچە شۈك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالىدا زىيادە سېزىمچانلىق بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ!

تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالىدا زىيادە سېزىمچانلىق بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ!