باش بەت>>مائارىپ>>ئىمتىھان ۋە خىزمەت
بېيجىڭدا تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى
مەنبەسى:خەلق تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2013-11-18 16:15:21

 بۇ يىل 1-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «1-نومۇرلۇق ھۆججەت» -- «2013 يىلى مائارىپ ساھەسىدە ئۇنىۋېرىسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›دە ئىمتىھان ئېلىش-ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سۈرۈشنى مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرىسال ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ساھەسى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، جۈملىدىن بېيجىڭ، جياڭسۇ، شاڭخەي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر بېرىلدى. بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى «2014—2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش- قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى رامكا لايىھەسى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) ۋە «2014—2016-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش- قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى رامكا لايىھەسى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىشقا ئېلان قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىسلاھات تەسەۋۋۇرىنى ئېلان قىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقانلىقىغا ئۇزاق يىل بولغان تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتى ئاخىر يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.(مۇخبىر جاۋ ئېنا خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق