باش بەت>>مائارىپ>>ئىمتىھان ۋە خىزمەت
كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي مائارىپ ئەمەس
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-04 15:49:15

مائارىپ – ئەسلىي ماھىيەتتىن ئېيىتقاندا، تەبىئىي ئادەمنى ئىجتىمائىي ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغان جەريان. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئىجتىمائىيلاشمىغان، ئەمەلىيلەشمىگەن، جەمئىيەتكە يۈزلەنمىگەن مائارىپنى مائارىپ دېگىلى بولمايدۇ.

ھازىرقى مائارىپتا مۇشۇ ئۆلۈك مائارىپنىڭ ئىزنالىرىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يەنى، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان بىر ئىستۇدېنت بىلەن باشلانغۇچ ياكى تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپلا جەمئىيەتكە چىققان بىر ‹‹قۇلاق كەستى››نىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۇستازىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ياخشى ئوقۇغان سىتودېنتنىڭ ئۆزىنىمۇ، سۆزىنىمۇ كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى بولمايدىغان، ئۇستازىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان؛ ‹‹قۇلاق كەستى›› ئوقۇغۇچىنىڭ بولسا، ئۇستازىنى كۆرسە سالام قىلىپ، ئۇدۇل كېلىپ قالسا مېھمان قىلىپ يولغا سالىدىغان ئەھۋالنى ئۇچرىتىمىز. شۇڭىمۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز: ‹‹ياخشى ئوقۇغانلارغا قارىغاندا ناچار ئوقۇغانلارنىڭ ئادەمىيگەرچىلىكى كۈچلۈك، ياخشى ئوقۇغانلار كىتابىي بىلىم بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، جەمئىيەتكە ئارىلاشمىغاچقا، قائىدە – يوسۇننى بىلمەيدۇ ›› دەيدۇ. دېھقانلارمۇ‹‹ھازىرقى مائارىپ بالىلارغا نېمە ئۆگىتىدىغاندۇ؟! چوپچوڭلا بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ، ئادەمگە سالام قىلماي ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇق دەپ، ياۋايى بولۇپ قاپتۇ، بۇ بالىلار...›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.

مەن بىر يىللىق تەربىيەلىنىشكە بارغان ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتىمۇ يۇرتىمىزدىن بارغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالىمىنى خېلى تاما قىلىپ باقتىم، لېكىن مېنىڭ كۆرگىنىم، ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئۇچرىشىپ قالسىمۇ، يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىش بولدى. شۇڭا مەنمۇ سالام قىلىشتا تەشەببۇسكار بولالمىدىم. جەمئىيەتنى يەنە تەكشۈرۈپ باقساق، بىزنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاتا – ئانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىش يوسۇنىمىزنى بۇزۇپ، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئاتا – ئانىسىغا گەپ ياندۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاشقا ئىشلىتىدىغان ئىستۇدېنتلىرىمىزنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ۋە ياتلىق بولغىچە تاماق ئېتىشنى ئۆگەنمىگەن قىز ئىستۇدېنتلىرىمىزنى ئۇچرىتىمىز. ئەسلىدە قىزلار 11 – 12ياشلاردا تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ بولۇشى، چىۋەر، ئىشچان قىزلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئائىلە مائارىپىمىزنىڭ، جۈملىدىن، بىزنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىمىزنىڭ جەۋھىرى ئىدى. لېكىن بۇنداق ئائىلە مائارىپى مەكتەپتىكى كىتابى مائارىپقا بويسۇنۇپ ‹‹بالىلارنى ئۆي ئىشىغا سالسا، ياخشى ئوقۇيالمايدۇ.›› دېگەن بىمەنە پەلسەپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ياخشى ئوقۇپ ئىلىم – پەندە ۋايىغا يەتتىمىكىن دېسەك، بەش يىل ئالىي مەكتەپتە فىزىكا كەسپىدە ئوقۇپ، ئائىلىسىدىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن توك سىمىنى ئۇلىيالمايۋاتقان، تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ، بىر پارچە ماقالىنى قاملاشتۇرۇپ يازالمايۋاتقانلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بىز بۇ يەردە ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگىنىنى جەمئىيەتتە ئىشلىتىپ كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ياشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز.

كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي مائارىپ ئەمەس. شۇڭا، پەرزەنتلىرىنى كادىر قىلىش ياكى ئالىم قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتىدىغان ئاتا – ئانىلار ئەمدىلىكتە ھازىرقى جەمئىيەتكە قاراپ، ئۆزىگە ۋاپادار، ئىنسابى بار بالا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتۇش خىيالىنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، مائارىپىمىز ئەخلاقتىن، ئېسىل قائىدە – يوسۇنلىرىمىزدىن چەتتە قالمىسۇن. 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق