باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
پرىنستون (Princeton) ئۇنىۋېرسىتېتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2011-05-27 15:38:04

  مەكتەپ گېربى

پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسى شىتاتىدىكى پرىنستىن بازىرىغا جايلاشقان. مۇھىتى ئىنتايىن گۈزەل، ھەم جىمجىت. ئېينىشيىتىن پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇنىۋېرسىتېتدا ئېينىشتىيىندەك داڭلىق پروفېسسورلار بولغان ۋە ھازىرمۇ ئىنتايىن كۆپ، دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان يادرو ئېنىرگىيەسى تەجربىخانىسى بار. مەكتەپ تولۇق كۇرس قىسمى ۋە ئاسپىرانتلار قىسمى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. جەمئىي تۆت ئىنىستىتۇت بار، بۇلار:قۇرۇلۇش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىلىم-پەن ئىنىستىتۇتى، بىناكارلىق ۋە شەھەر پىلانلاش ئىنىستىتۇتى، ۋېلسىن ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلىرى ئىنىستىتۇتى، ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى. ۋېلسىن ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلىرى ئىنىستىتۇتى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئەنئەنىسى بار. جەمئىي 32 فاكولتىت بار، داڭلىق فاكولتىتلاردىن تارىخ، پەلسەپە، ئىنگلىز تىلى، فىزىكا فاكولتىتلىرى بار. ھازىر مەكتەپتە تەخمىنەن 6610 ئوقۇغۇچى بار. بۇنىڭ 4700 ى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، 1900ى ئاسپرانت. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ 55 شىتاتىدىن شۇنداقلا 55 دۆلەتتىن كەلگەن. چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار %5 نى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى كانادا، جۇڭگو، سىنگاپور، ئەنگلىيە، گېرمانىيەلەردىن كەلگەن.

پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا ھازىر 11 مىليون كىتاب بار. ھەربىر مۇستەقىل كەسپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم كۈتۈپخانىسىمۇ بار تېخى. ئېينىشتىيىن پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا 22 يىل پروفېسسور بولغان. پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، 44 شىتات باشلىقىنى تەربىيلىگەن. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ساپالىق بولۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. پرىنستوننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۈزۈمگە چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار يازمىچە كاپالەتنامە يېزىپ، ئوقۇتقۇچى تاپشۇرغان ھەر قانداق تاپشۇرۇقنى ئىشلەشتە كۆچۈرمىكەچلىك قىلماسلىق ھەمدە ھەر قانداق ئەخلاقىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. دەل بۇ نىزام بولغاچقا، پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىمتىھان تۈزۈمى ئاتسىنتسىز تۈزۈمدە بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ قالسىلا قاتتىق جازا بېرىلىدۇ. ئادەتتە خىلاپلىق قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ باي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، مەكتەپداشلار، مۇتەخەسىسلەر مەكتەپكە ھازىرغا قەدەر 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان. پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنى 1746-يىلى يېڭى جېرسىي شىتاتىدىكى ئېلزابىت قۇرغان، ئەينى دەۋردىكى نامى«يېڭى جېرسىي ئىنىستىتۇتى»ئىدى. 1896-يىلى رەسمىي «پرىنستون ئۇنۋېرسىتېتى» دەپ ئاتالغان. مەكتەپنىڭ شۇئارى«مەكتىپىمىز تەڭرىنىڭ كۈچى بىلەن گۈللىنىدۇ». پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز پۇل يۈكى ئەڭ يىنىك مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز ئالغان پۇلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2360 ئامېرىكا دوللىرى، قالغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز ئالغان پۇلى 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى. بۇ پەرقتىن پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلغانسىز.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق