باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى
مەنبەسى:قۇتيار تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2011-08-09 16:30:07

 

 

 

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى داڭلىق، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەدىمىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ داھىي مۇستافا كامال ئاتاتۈرك قۇرۇپ چىققان يېڭى دۆلەت بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئورنى بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاتاتۈرك 1921-يىلى پىكىر جەھەتتىكى ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن تۇنجى دۆلەتلىك ئالىي مائارىپ ئاپپاراتى. 1921-يىلى مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئەنقەرە قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتى قۇرۇلماقچى بولغان بولسىمۇ، بۇ پىلان پەقەت 1925-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا تۈركىيەنىڭ ئىلمىي ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمىي، داڭلىق ۋە زامانىۋى بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلار ۋە تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن 1925-يىلى قانۇنشۇناسلىق مەكتىپى قۇرغان. تۈرك دېھقان-چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن 1933-يىلى يېزا-ئىگىلىك ئالىي تېخنىكومى قۇرۇپ، يېزا-ئىگىلىك مۇلازىمىتى ساھەسىدە يېپيېڭى بىر سەھىپە ئاچقان. كېيىنچە تارىخ بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە تۈركىيەنىڭ دۇنياغا ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشتا تىل بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 1935-يىلى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى قۇرۇلغان. 1859-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا مەكتەبىي مۈلكىيە دېگەن نام بىلەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، 1936-يىلى ئەنقەرەگە يۆتكەلگەن سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئەڭ سەرخىل فاكۇلتېتلاردىن بىرىدۇر. نۆۋەتتە، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى يېڭى ۋە زامانىۋى تۈركىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى 1940-يىلى قۇرۇلغان مېدىتسىنا ۋە تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتلىرىنىڭ ئوقۇش باشلىشى بىلەن 1946-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تولۇق تاماملىنىپ بولغان. 1948-يىلى يېزا-ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ يېزا-ئىگىلىك ۋە مال دوختۇرلۇق فاكۇلتېتلىرى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بولغان. 1949-يىلى قۇرۇلغان دىنشۇناسلىق فاكۇلتېتى، 1935-يىلى قۇرۇلغان ۋە 1950-يىلى سىياسىي بىلىملەر دەپ ئاتالغان فاكۇلتېت، 1960-يىلى قۇرۇلغان دورىگەرلىك فاكۇلتېتى، 1963-يىلى قۇرۇلغان ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتېتى، 1965-يىلى قۇرۇلغان پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ۋە شۇ يىلى قۇرۇلغان ئاخبارات فاكۇلتېتى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي بايلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان فاكۇلتېتلاردۇر. 

 

 

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق