باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
كورېيەدىكى 36 ئالىي مەكتەپ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى «باشقۇرۇشى ياخشى ئەمەس» دېگەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-01-08 15:48:09

 

 

كورېيە مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئورگىنى يېقىندا كورېيەدىكى 347 ئالىي مەكتەپتە (تۆت يىللىق تۈزۈمدىكى 201 مەكتەپ، ئىككى يىللىق تۈزۈمدىكى 146 مەكتەپ) يولغا قويغان «چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ئەھۋالنى باھالاش دوكلاتى»دا، 36 مەكتەپنى «باشقۇرۇشى ياخشى ئەمەس» دېگەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

كورېيە مائارىپ مىنىستىرلىقى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، بۇ 36 مەكتەپنىڭ «ۋىزا تارقىتىشىنى چەكلەش» (17 مەكتەپ)، «مۆھلەت ئىچىدە تۈزەش» (7 مەكتەپ) ۋە «مەسلىھەت سوراش ئوبيېكتى» (12 مەكتەپ) دەپ بېكىتتى.

بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋىزا تارقىتىشى چەكلەنگەن 17 ئۇنىۋېرسىتېت تۆت يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مىڭشىن ئۇنىۋېرسىتېتى، خەنمىن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار، ئىككى يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ياڭگۇاڭ ساغلاملىق ئۇنىۋېرسىتېتى، سۇڭخۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، خەنيۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار.

ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىملىق باھالاش ئاساسلىق سەككىز تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، چەت ئەللىك مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرلۇقتا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش نىسبىتى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ سەرخىل بولۇشى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ياتاق بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش نىسبىتى قاتارلىقلار.

ئىگىلىنىشچە، كورېيە مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلدىن باشلاپ «چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىسپاتى تۈزۈمى»نى 2012-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق