باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-01-18 09:54:05

 

 

بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي مائارىپ ئورگىنىغا قاراشلىق تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان خۇسۇسىي شەكىلدىكى فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىدۇر. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى؛ ئېھسان دوغراماجى مائارىپ فوندى جەمئىيىتى، ئېھسان دوغراماجى سەھىيە فوندى جەمئىيىتى، ئېھسان دوغراماجى ئىلمىي - تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئورتاق قارار قىلىشى نەتىجىسىدە 1984-يىلى 20-ئۆكتەبىر قۇرۇلغان. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدا مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئىلمىي – تەتقىقات ۋە نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ، مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى جەھەتتىكى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر.

بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، «بىلىم كەنتى ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، 1986-يىلى 386 نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 9 فاكۇلتېت، باكلاۋورلۇق سەۋىيىسىدە 2 دانە ئالىي تېخنىكوم، 3 دانە كەسپىي تېخنىكوم، 38 ئوقۇ–ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە 6 ئىنستىتۇت، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، بۇ جەھەتتىنمۇ دۇنيا بويىچە داڭلىق مائارىپ مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر تۈركىيە ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق ئورۇنلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نوپۇزىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق