باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
«22ياشلىق پروفېسسور» قايسى قائىدىنى بۇزۇپ تاشلىدى؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2012-04-04 14:51:35

 

ئېلىمىزدىكى ئەڭ ياش پروفېسسور ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 20-مارت خەلقئارادا ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ليۇ لۇنى قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رەسمىي پروفېسسور دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

بەزىلەر ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنۋېرىستېتى يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قېلىپى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە بۆسۈش ياساپتۇ دەپ، ئالقىشلىسا يەنە بەزىلەر بۇ بىر ئالدىراقسانلىقمۇ قانداق دەپ گۇمانلاندى. ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بولغان ليۇلۇ قايسى تۆھپىسى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا ئۆستۈرۈلدى؟ بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئادەتتە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈش، ماگىستىر ئاسپىرانتلىق، دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش، دوتسېنتلىققا باھالىنىش، ئاخىرىدا پروفېسسور بولۇشقا 15 يىلچە ۋاقىت كىتىدۇ. ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ليۇلۇ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلمايلا بۇ جەرياننى ئاسانلا تاماملىدى.

ليۇ لۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ، ئۇنى تەسىراتىڭىزدىكى پروفېسسور بىلەن بىر ئورۇنغا قويالمايسىز؛ يەنە كېلىپ جىمغۇر بۇ بالىنىڭ كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار يېشەلمىگەن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايسىز. 2010-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بىر كۈنى ماتېماكتىكلىق لوگىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن ليۇلۇدا ئۇشتۇمتۇت ئىستىپاننىڭ قىياسىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى تېپېپ چىقىشتەك غەلىتە خىيال بولۇپ قالدى. ئۇ ياتىقىغا قايتىپ بېرىپ، كېچىچە كىرپىك قاقماي ھېسابلاپ چىقىپ، ئىسپات جەريانىنى ئېنگىلىزچە يېزىپ، ليۇ جيايى ئىمزاسى بىلەن ئامېرىكىدىكى چىكاگو ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ «ئالامەت لوگىكىسى ژورنىلى» غا ئەۋەرتتى. ئىستىپان قىياسىنى 1995-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ ماتېماتىكىلىق لوگىكاشۇناسى ئىستىپان ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار بۇنى ھەل قىلالماي كەلگەنىدى. ليۇلۇنىڭ ئىستىپان قىياسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىشى بىلەن ھايات مۇساپىسىدە بۇرۇلۇش بولدى. يەنى قائىدىدىن سىرت ماگىستىر ئاسپىرانتلىق بىلەن دوكتۇر ئاسپىرانتلىقنى بىرگە ئوقۇدى. داڭلىق ماتېماتىكاشۇناس خۇ جېنتىڭ ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. قائىدىدىن سىرت ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەسمىي پروفېسسور دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇنىڭدىن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سىرنى سورىغاندا ئۇ پەرۋاسىزلىق بىلەن: ھېچقانداق سىر يوق، مەن ئەزەلدىن بۇنىڭغا قىزىقىپ كەلگەن، ئۇشتۇمتۇت ئېسىمگە كىلىپ بۇ قىيىن ئىشنى ھەل قىلدىم، دېدى. ئۇ مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپتە بولسۇن ياكى ئالىي مەكتەپتە بولسۇن نەتىجىسى ئوتتۇراھال ئېدى. لېكىن كىچىكىدىن تارتىپ ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان ئېدى. 2008-يىلى ئالىي مەكتەپ ئارزۇسى تولدۇرغاندا ھەممە مەكتەپلەرنىڭ ماتېماتىكا كەسىپىنى تاللىغان ئېدى. ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئىلىم پەنگە ئىشتىياق باغلىغان دەپ قارىلاتتى. ئۇ تورغا چىقىپ ماتېرىيال كۆرەتتى ياكى بولمىسا كۈتۈپخانىغا بېرىپ كىتاب كۆرەتتى. ئويۇنغا ئانچە كۆپ قاتناشمايتتى، گەپ–سۆزلىرىمۇ ئاز ئىدى. ئۇ ئىمتىھان نومۇرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى بولسىلا بولدى دەيتتى. ئۇ: مەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى، قانداق سالاھىيەتتە بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر، ئۆگىنىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمەن. مەن بىر نەرسە ئۆگىنەلىسەملا بولدى،دېدى. 

بەزى كىشىلەر مۇنداق دېدى: بەزىلەر بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ پروفېسسور دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلىققا ئىگە بولالمايدىغان تۇرسا، 22 ياشلىق بىر ياشنىڭ بۇ نامغا ئېرىشتۈرۈش جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقۇزۇشمۇ؟ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ياۋشۆ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزنىڭ مۇنداق قىلىشى مۇنەۋۋەر، ياش ئىختىساسلىقلارغا مەكتەپنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە خىزمەت ئىستاژىغا ئەمەس بەلكى تالانتلىقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىش. 

جاڭ ياۋشۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 22 ياشلىق پروفېسسور ئاسانلا باھالىنىپ چىققان ئەمەس. ئالدى بىلەن ماتېماتىكا ئىلمى ۋە كومپيۇتېر ئىنىستىتۇتىنىڭ پىكرىگە قايتا-قايتا قاراپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ليۇلۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپ ئىشلىرى يىغىنىدا بىردەك قارار چىقىرىلدى. ئۇندىن باشقا ليۇلۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى ئالىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ رەسمىي مۇزاكىرىسىدىن ئۆتىشى كېرەك. جاڭ ياۋشۆ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە پروفېسسور دەرىجىلىك تەتقىقاتچى نام بىر خىل ئىلمىي ئۇنۋان. ليۇلۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئۇنىڭغا بۇ ئۇنۋاننى بېرىش پەن تەتقىقات سەھنىسى، كاپالىتى، شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەنلىك بولىدۇ. بۇندىن كېيىن ليۇلۇ ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەم چەتئەللەرگە چىقىپ زىيارەتچى ئالىم بولىدۇ. جاڭ ياۋشۆ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى نىڭبودىكى بىر ئىشچى بىر ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىپ قويۇشى بىلەن ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان ئېدى. ليۇلۇنىڭ ھازىر دوكتۇر ئاسپىرانىت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى خۇ جىنتىڭ ئەينى يىلى ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىقتىن قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن ئېدى. ئۇندىن باشقا بۇ ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەشەببۇسىنىڭ نەتىجىسى. ئالىي مەكتەپ مائارىپى ئىسلاھاتىنىڭ يادروسى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش. جاڭ ياۋشۆ مۇنداق دېدى: پەن تەتقىقات ئىقتىدارىڭىزنى ئىسپاتلىيالىسىڭىزلا، ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرىسىتېتى يېتەرلىك پەن تەتقىقات شارائىتى ۋە تەرەققىيات سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت كۈتىنىش ئورنى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئادەمنى شاللايدىغان جاي بولىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ھورۇنلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ياشلارنىڭ غايىسى قانات قاقىدىغان بوشلۇق بولۇشى لازىم.

ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئادەم ئىسلاھاتىنى رەسمىي يولغا قويماقتا. مەكتەپ خاراكتېر ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بويىچە، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچىلەرنى كەسپىي ئىشتات ۋە كەسىپىي بولمىغان ئىشتات دەپ ئىككىگە بۆلدى. ئىشتاتنى باشقۇرۇشتىكى كىرىش، چىقىش مىخانىزمىنى ئورنىتىش مەكتەپكە كىرىش مېخانىزىمىنى تېخىمۇ جانلىقلاشتۇرىدۇ. 985 قۇرۇلۇش تۈرىدىكى مەكتەپلەر، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇغانلار، دوكتۇر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇنىڭدىن باشقا ، مەكتەپنىڭ پروفېسسورلىرى، دوتسىنتلىرى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتىشى كېرەك. يېڭىدىن كىرگەن ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىلارغا كىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. مەكتەپ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا پۇل ئاجرىتىدۇ. چۈنكى ياشلار نەۋقىران، كۈچ قۇۋۋەت تولۇپ تاشقان چاغدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن پەن تەتقىقاتقا ئاتلىنىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتىدا ھەم ئوقتۇشنى زىممىسىگە ئالغان ھەم پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلارنى باھالىغاندا بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم. جاڭ ياۋشۆ ليۇلۇنى پروفېسسورلۇققا تەيىنلەشنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر باشلىنىش بولۇپ قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق