باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
«ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقى» قۇرۇلماقچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-20 11:21:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئۆستۈرۈش 1-قېتىملىق تەجىربە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، گۈيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، سەنشى ئۇنىۋېرسىتېتى، خېبىي ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنچاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى 14ئالىي مەكتەپ «ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقى»نى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدىكى مائارىپ، ئوقۇتۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ بولمىغان ئۆلكە ئاپتونۇم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك يەرلىك ئالىي مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن. بۇ «مائارىپ پىلانى پىروگراممىسى» نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئالىي مائارىپنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، رايونلار ئارا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشنى تېزلىتىش، ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مائارىپنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مائارىپتىكى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم سىتىراتىگىيىلىك تەدبىركەن شۇنداقلا ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ئالىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىر قىسمىكەن.

2012-يىلىدىن 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت «ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى»غا ئاجراتقان مەخسۇس مەبلەغنىڭ 6 مىليارد يۈەنگە يېتىشىدە ئۈمىد بار بولۇپ، تاللانغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك ئالىي مائارىپنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. گۈيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جىن چياڭ مۇنداق دېدى:ئوتتۇرا غەربىي قىسىمنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىدە تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن بەلگىلىك پەرق بار، جۇڭگودىكى بارلىق مائارىپ ئىتتىپاقلىقى جۇڭگودىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىۋېلىنغانىدى. ئوتتۇرا غەربىي قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى-جۇڭگو ئالىي مائارىپىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جىن چياڭ مۇنداق دېدى:ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى كەلگۈسىدە مائارىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، ئوقۇش نومورىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، دەرسلىكلەردىن ئورتاق بەھىرلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق