باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2014-يىللىق رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-03 15:09:05

 

جۇڭگو مەكتەپداشلار جەمئىيىتى تورى ‹‹2014-يىللىق جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى باھالاش تەتقىقات دوكلاتىنى ›› ئېلان قىلدى ، بۇ جۇڭگو مەكتەپداشلار جەمئىيىتى تورى ئالىي مەكتەپلەر تەتقىقات ئەترىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپى ئۇدا 12-قېتىم ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 86-ئورۇندا تۇردى .
    1-ياۋار ، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو مەكتەپداشلار جەمئىيىتى تورىدىن ئىگىلىشىچە ، مەكتەپلەرگە ئىلمىي تەتقىقات ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇنىۋېرسال نوپۇزى بويىچە نومۇر قويۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نومۇرى 63.47 بولغان ، رەت تەرتىپتە 86-ئورۇندا تۇرغان ، بۇ نومۇر ئالدىنقى يىلدىكى 62.29 نومۇردىن سەل ئۆرلىگەن ، ئەمما رەت تەرتىپ جەھەتتىن ئالتە ئورۇن تۆۋەنلەپ كەتكەن .
    ئىگىلىنىشىچە ، جۇڭگودىكى داڭلىق مەكتەپلەر نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن زور ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان تەتقىقات ، كەسىپلەشكەن ۋە قوللىنىشچان تىپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ‹‹ جۇڭگودىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسىتېت ›› قۇرۇپ چىقىشىدىكى ئاۋانگارت قوشۇن . بۇ قېتىمقى يۈز كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1-ئورۇندا ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 2-ئورۇندا ، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى 3-ئورۇندا ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى 4-ئورۇندا، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى 5-ئورۇندا تۇرغان .

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق