باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا قانداق شەكىلدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بولۇشى كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-11 16:50:17

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە
   ياڭ گۇيچىڭ  


    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپ ساھەسىدىكىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە بەس – مۇنازىرە قىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى زادى ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىق مائارىپىمۇ ياكى ئاساسىي مائارىپمۇ دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغا بولغان دىققىتىنى قوزغىدى.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا مۇنداق ئۈچ خىل يۈزلىنىش گەۋدىلەندى: بىرىنچى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قىممىتىگە باھا بېرىش؛ ئىككىنچى، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىچكى ئامىللىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش؛ ئۈچىنچى، ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتتىن باشقا، يېڭى دەۋردە زۆرۈر بولىدىغان پۇقرالارنىڭ مەسئۇلىيىتى، تەنقىد ئىدىيەسى، دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىك، ھەمكارلىق ئېڭى، خەلقئارالىق چۈشىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئاساسىي ساپا ئالاھىدە تەكىتلەندى. جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىمۇ كۆپ تەكرارلىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئوچۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندى.
    بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەر ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى نېگىزلىك مەسىلە قانداق كىشىلەرنى تەربىيەلەش ۋە كىشىلەرنى قانداق تەربىيەلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت دەپ قارىماقتا. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى سوتسىيالىزىمنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ، كىشىلەرنىڭ تولۇق، ئومۇميۈزلۈك، ئەركىن تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇڭا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئالدى بىلەن ئادەم بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك، بۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئاساسى.
    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى دۆلەتنىڭ ئەمىنلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان پەن تۈرلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى مۇۋاپىق بولمىسا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تاللاش، تەربىيەلەشتە يېڭىلىق يارىتىشقا، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ ئىسلاھاتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۇقىرى قاتلامدىن ياخشى پىلانلاش كېرەك.
    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، ئەگەر بۇ ئىككىسى ماسلاشمىسا مەسىلە كېلىپ چىقىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ۋە دۆلەت، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى بۆسۈش ئېغىزى بولۇشى مۇمكىن.
    جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتا دۇچ كېلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدىن ئىبارەت يادرولۇق مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ۋىجدانى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا تېخىمۇ كۆپرەك تايىنىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئەھۋال يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەنپەئەت ئالغۇچىلارغا غايەت زور تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەردى. شۇڭا دەرسلىك ئىسلاھاتى ئۇنى قەتئىي ئىجرا قىلغۇچىلارنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئازابلايدىغان مەسىلە.ئۇلار ئىسلاھات لايىھەسىنى قانچىكى قەتئىي ئىجرا قىلسا، زىممىسىگە ئالىدىغان خەۋپ – خەتەرمۇ شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ.
    جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش غايىسى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىدۇ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش غايىسى يەنە مەلۇم دەرىجىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە تايىنىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش ھەم ھەقسىز ئىمتىھان تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك، يەنى دۆلەت بىر تۇتاش ئىمتىھان سوئاللىرىنى چىقىرىش، ئىمتىھان قەغىزىنى بېسىش، ئىمتىھان ئېلىشقا تەشكىللەش، ئىمتىھان سوئاللىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز تېخى تولۇق بولمىغاندەك قىلىدۇ.
    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمىنى قايسى جەھەتلەردىن ئىسلاھ قىلىش كېرەك
    مەكتەپ مۇدىرلىرى ھەمىشە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مۇنداق ئۈچ نۇقتا سېلىشتۇرۇلىدۇ، دېيىشىدۇ: بىرىنچىسى، ئەليۇلەلالارنىڭ چىققان – چىقمىغانلىقى سېلىشتۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قانچىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغانلىقى سېلىشتۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، پەنلەردىكى نەتىجىسى، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى يۈزەكى قوغلىشىش، ‹‹مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى››، ‹‹ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تالىشىش جېڭى›› قاتارلىقلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
    ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكىلەرگىچە مائارىپ ئىدىيە قارىشى ۋە قىممەت قارىشى ئىنتىلىشىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە قارىتىپ، ‹‹جىددىي قاراش، كۈتۈپ تۇرماسلىق›› سۈرئىتى بىلەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىشى كېرەك.
    باھا بېرىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش چوقۇم ئىلمىي باھا بېرىش ئۆلچىمى بويىچە بولۇشى، نېمىنىڭ ياخشى مەكتەپ، ياخشى ئوقۇغۇچى، ياخشى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ياخشى يۆنىلىش ۋە ساغلام بولغان جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا مەسئۇلىيەتچان تەربىيەلەش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلىش مائارىپ ئىچكى ئامىللىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.
    ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تاللاش، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا مائارىپ تارماقلىرى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىشقا ۋە ئىزدىنىشىگە يول قويۇشى كېرەك.
    ئوقۇغۇچى، مەكتەپلەرنىڭ كۆپ مەنبە، كۆپ قاتلام، كۆپ خىل شەكىلدە تاللىشىغا پۇرسەت يارىتىپ، ‹‹ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈك›› ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل تۈردىكى مائارىپ ئارىسىدا بىرقانچە ئاچا يول شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرگە ھەقىقىي مەنىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بېرىپ، ئۆز مەكتىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى، كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە تەرەققىي قىلالايدۇ، ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقالايدۇ.
    تۈرگە ئايرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، قىسمەن مەكتەپلەر مۇددەتتىن بۇرۇن تولۇق 3 – يىللىق سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. غەرب دۆلەتلىرىدىكى ياشلار ئۆرلەپ ئوقۇغان ياكى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خىزمەتكە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ‹‹بىرقانچە يىل جەمئىيەتنى كۆزىتىش مەزگىلى››دە تۇرىدۇ، ئۇلار بۇ ۋاقىتتا مائارىپقا ياردەم بېرىش، ساياھەت قىلىش، خىزمەت قىلىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنى ۋە تۇرمۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىدۇ. بىزمۇ چەت ئەللەرنىڭ ‹‹جەمئىيەتنى كۆزىتىش›› ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتناشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى تەكرار قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئۆگىنىشتىن ئازاد بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش مەزگىلىنى ئىككى يىل ياكى ئىككى يېرىم يىل قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
    ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا ئىچكى ئامىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك
    نۆۋەتتە، بەزى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىسلاھاتىنى ياخشى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى كۆپرەك چىڭ تۇتۇش، تېمىنى كۆپرەك بېرىش، كۆپرەك ياخشى نومۇر ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئىچكى ئامىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ فاڭجېنىدىن چەتنەش، مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش، يۈزەكى ھالدا نومۇر قوغلىشىش، خاراكتېر يېتىلىشىنى بوغۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مول، جانلىق بولغان مائارىپ، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل تەرەققىيات تاللىشى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
    ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر سان ئۆزگىرىشىنى سۈپەت ئۆزگىرىشىگە تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سۈپەت قوغلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
    ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا مۇنداق ئىككى ئىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، كۈندىلىك ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىشنىڭ ئىمتىھان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش؛ ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، يۈرەك، مېڭە، قولنى تەڭ ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ۋە پەنگە قىزىقىش ئالاھىدىلىكى، ئۆگىنىش خاراكتېرىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق تونۇش بولغاندىلا، دەرسلىك بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىناق قىلالايمىز. دەرسلىك بازىسى روشەن ئوقۇتۇش مۇھىتىدا گەۋدىلىنىدۇ، ئىچكى مەزمۇننىڭ قۇرۇلمىسىدا گەۋدىلىنىدۇ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدىغان ئۆزئارا ياردەم بېرىش سۇپىسىدا گەۋدىلىنىدۇ، مول، ئۆزگىچە دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىشتا گەۋدىلىنىدۇ، بۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تەرەققىيات مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك يول بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دەرسلىك بازىسى قۇرۇلۇشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى يولغا قويۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يېڭى ئۇسۇللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.


   

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق