باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
ئوقۇغۇچىلار پۇلنى نەگە خەجلەۋاتىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-03-11 10:36:41

دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭىپ كىرىۋاتقان تۈرلۈك ناچار خاھىشلار ئاتا – ئانىلارنى زور ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچار قىلماقتا.
   ئۆتۈپ كەتكەن 17يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەم: مەن 1997 – يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئانام ھەر ئايدا ماڭا 300يۈەن تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىپ بېرەتتى. مەكتەپتىنمۇ ماڭا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرەتتى. مەن ئۇ پۇللارنى تېجەپ ئىشلىتىپ، ئېشىنغىنىمنى ئۆيۈمگە ئەۋەتىپ بېرەتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدە چاقىرغۇ ئىشلىتىش مودا بولغانىدى. مەن بىر ئوقۇغۇچى بىلەن كۆرۈشكۈنۈمدە، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگىنىگە ئەمدىلا ئۈچ ئاي بولغانلىقىنى، قىز دوست تۇتقانلىقى، چاقىرغۇ بولمسا بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشالمايدىغانلىقىنى، چاقىرغۇنىڭ چىقىمىنى ئاتا – ئانىلىرى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىچىم ناھايىتى ئاچچىق بولغانىدى.
   2000 – يىلىدىن باشلاپ قول تېلېفون ئومۇملىشىپ، كىشىلەرنىڭ قول تېلېفۇنغا بولغان قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بۇلتۇر ئۈرۈمچىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغاندا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدىكى بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋېتىپ، بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ دوستىغا يان تېلېفونوم يوقاپ كەتتى، دەپ قويۇپ، بىر ئايدا ئاتا – ئانىسىدىن 3000يۈەن ئالغانلىقىنى دەۋاتقانلىقى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى....
   بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: مەيلى پەرزەنتلىرىمىز ئاتا – ئانىلىرىنى ئالداش ئارقىلىق پۇل ئالسۇن ۋە ياكى ئاتا – ئانىلار ئۆز مەيلىچە پۇل بېرىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ رايىغا بارسۇن، بۇنى پەقەتلا پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىگە يۈزەكى قارىغانلىق دەپ چۈشۈنىشكە بولىدۇ.
   ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلەيلى، بالىلىرىمىزنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش كۆرمەيلى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتىدا بالدۇر يېتىلىپ قېلىشى، مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇشى، ھەرخىل ئىسراپچىلىق سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتەك بولمىغۇر خاھىشلار ئاتا – ئانىلارنىڭ نەزەرىدىن چەتتە قالمىسۇن.
   ئىنسانلار رىقابەت دەۋرىدە قانداق ياشىشى كېرەك؟ دېگەن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياش – ئۆسمۈرلەر ھەرخىل ھاۋايى – ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، ئەكسىچە ياشلىق ۋاقتىنى قەدىرلەپ، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.
   جەمئىيەت رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ئاتا – ئانىلار زىيادە ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.شۇ ۋەجىدىن ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن پىكىرلىشىش، چۈشىنىش ھاسىل قىلىش پۇرسىتى ئازلاپ كەتكەچكە، پەرزەنتلەر يۈگەنسىز قالماقتا.
   شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن كۆپرەك ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، ئۆزىنى ۋە بالىلىرىنى چۈشىنىشكە تېرىشىشى ھەم شۇ ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پەرزەنتلەرمۇ باشقىلار بىلەن بولمىغۇر تەرەپلەردىن ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىش، بىلىم جەھەتتىن بەسلىشىشى، ئۆز بۇرچىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدانراق چۈشىنىۋېلىشقا تېرىشىشى كېرەك .


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق