باش بەت>>مائارىپ>>ئالىي مەكتەپلەر
ئامېرىكىغا سەپەر قىلغان قاينۇقلۇق قىز
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-08 14:25:42

 

ئامېرىكا مەركىزىي مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنياغا داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا نۇرغۇن ئىلىم خۇمارلىرى مانا مۇشۇنداق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس غايىسى قىلغان، ئەلۋەتتە.

چاپچال ناھىيەسىنىڭ قاينۇق يېزىسى چېجى كەنتى 2 – گۇرۇپپىسىدىكى ئەھمەدجان رەھمەدجاننىڭ قىزى مەدىنەم بۇ يىل خېيلۇڭجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تۆت يىللىق ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئامېرىكىدىكى ئەنە شۇ داڭلىق، ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى.

مەدىنەم ئەھمەدجان 2006 – يىلى قاينۇق يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۈەن شەھىرىدىكى ئالىي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى، ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن شۇ يىلىلا كۆزگە كۆرۈندى. 2 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوشۇلۇپ ئوقۇيدىغان بولغاچقا، دەرسلەرنىڭ سالمىقى ئېغىرلاپ كەتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا مەدىنەم خەنزۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سىنىپ بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ دەرستىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىدىن ۋە ھەر كۈنلۈك كەچلىك تەكراردىن پايدىلىنىپ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى.

2010 – يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن جۇغراپىيە زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە 1 – بولۇپ، مەكتەپ، جۈملىدىن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا شان – شەرەپ كەلتۈردى ھەم شۇ يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، يۇقىرى نومۇر بىلەن خېيلۇڭجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.

مەدىنەم ئەھمەدجان ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر يىلى 8000 يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلانغاندىن باشقا، مەكتەپ بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان نۇتۇق سۆزلەش، زېھىن سىناش ۋە باشقا ئىلمىي مۇنازىرىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ بۇ يىل بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىغا مەمۇرىي ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ئىككى يىللىق ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىندى.

ئەھمەدجان رەھمەدجان مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قاراتقان ئەۋزەل سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىزىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپنى غەلىبىلىك تاماملاپ، بۇ يىل ئامېرىكىدىكى مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىككى يىللىق ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ ئائىلىمىز، شۇنداقلا يۇرتىمىز ئۈچۈن زور شەرەپ. مەن بىر دېھقان، كىچىكىمدە ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان، مېنىڭ مەدىنەمدىن باشقا يەنە بىر ئوغۇل، بىر قىزىم بار، ئوغلۇم ئابدۇغاپپار بۇ يىل شىنجاڭ قاتناش ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىدە پىراكتىكا قىلىۋاتىدۇ، كەنجى قىزىم ئامىنەم بۇلتۇر شىنجاڭ بىناكارلىق – قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان، ھازىر شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.

مەدىنەم ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: بىز ئۈچ پەرزەنت كەينى – كەينىدىن ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ، ئاتا – ئانىمىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھالسىرىتىۋەتتۇق، بۇنىڭدىن مەن بەك خىجىلمەن. ئۇلار بىزنى ئوقۇتىمىز دەپ، يىلدا بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىشكىمۇ كۆزى قىيمايۋاتىدۇ. بارلىقىنى بىز ئۈچۈن بېغىشلاۋاتقان مۇشۇنداق پىداكار، مەرىپەتپەرۋەر ئاتا – ئانىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق