باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
يېڭىسار ناھىيەسى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدا سۈپەت ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 18:06:58

 

يېڭىسار ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 – يىلغا بارغاندا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت تىل – يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىتىش ۋە ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يېڭىسار ناھىيەسى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، باشلانغۇچ مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈپ، يەسلى ئوقۇتۇشى بىلەن باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ باغلىنىشىنى كۈچەيتىپ، تولۇقسىز مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ھازىر ناھىيە بويىچە ‹‹قوش تىل›› سىنىپى 356 كە، بۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 13 مىڭ 585 كە يېتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچى ئومۇمىي سانىنىڭ %36.1 نى ئىگىلىدى. بۇ ناھىيە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، يېزا، كەنتلەردە 59 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇردى. بۇنىڭ بىلەن ھازىر ‹‹قوش تىل›› تەربىيەسى ئالغان بالىلار 8566 كە، ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدىكى بالىلارنىڭ نىسبىتى %79.4 گە يەتتى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق